جەننەتنىڭ رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرۋازىسى بار، ئۇنىڭدىن پەقەت كۆپ روزا تۇتقۇچى مۆمىن كىرىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن في الجنة بابا يقال له «الريان» يدخل منه الصائمون يوم القيامة، لا يدخل منه أحد غيرهم. يقال: أين الصائمون؟ فيقومون فيدخلون منه، فإذا دخلوا أغلق فلم يدخل منه أحد)) «جەننەتنىڭ <رەييان> دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرۋازىسى بار. قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ بۇ دەرۋازىسىدىن پەقەت كۆپ روزا تۇتقۇچى مۆمىنلەرلا كىرىدۇ، بۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ دەرۋازىدىن كىرەلمەيدۇ. (جەننەت ئىشىكىنى ساقلىغۇچى پەرىشتە) <كۆپ روزا تۇتقۇچىلار قېنى؟> دەپ نىدا قىلىدۇ. كۆپ روزا تۇتقۇچى مۆمىنلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ دەرۋازىدىن جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندا دەرۋازا تاقىلىدۇ، كۆپ روزا تۇتقۇچىلاردىن باشقا ھېچبىر مۆمىن جەننەتكە بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2312؛ سەھىھ جامىئ‍ 2121؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن) mujtehid.com | hedisim.com فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ