«دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەت، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇق.» (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئەھمەد)

يىگىرمە سەككىزىنچى ھەدىس

عَن أَبي نَجِيحٍ العربَاضِ بنِ سَاريَةَ رضي الله عنه قَالَ: وَعَظَنا رَسُولُ اللهِ مَوعِظَةً وَجِلَت مِنهَا القُلُوبُ وَذَرَفَت مِنهَا العُيون. فَقُلْنَا: يَارَسُولَ اللهِ كَأَنَّهَا مَوْعِظَةُ مُوَدِّعٍ فَأَوصِنَا، قَالَ: (أُوْصِيْكُمْ بِتَقْوَى اللهِ عز وجل وَالسَّمعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ تَأَمَّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ، فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ) رواه أبو داود والترمذي وقال : حديث حسن صحيح.

ئەبۇ نەجىھ ئىرباز ئىبنى سارىيەدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: (بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق بىر ۋەز نەسىھەت قىلدىكى، بۇ سەۋەبلىك قەلىبلەر تىتىرەپ، كۆزلەردىن ياش ئاقتى. بىز «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچى كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن) نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 28 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى  mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ