رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ چەكلىمىلىرى
(تولۇقلىنىۋاتىدۇ)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان دېگەن باشقا
مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىنىڭ زىيىنىدىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن
«.ئاللاھ (ۋە رەسۇلى) چەكلىگەنلەرنى تەرك ئەتكۈچىدۇر
(بۇخارى 10؛ مۇسلىم 40)
عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال المسلم من سلم المسلمون من لسانه ويده والمهاجر من هجر ما نهى الله عنه
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھېچبىر ئەر نامەھرەم ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.» (تىرمىزى 2165؛ مۇسنەد ئەھمەد 1-18)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«سىلەر ماڭا ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، زىنا قىلماسلىققا، ئوغرىلىق قىلماسلىققا ۋە بىگۇناھ قان تۆكمەسلىككە بەيئەت قىلىڭلار.» (مۇسلىم 4558)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن ئاۋۋال رۇكۇغا، سەجدىگە بارماڭلار، مەندىن ئاۋۋال قىيام ئۈچۈن تۇرماڭلار.»(مۇسلىم 416)
ئەبۇ ھۇرەيرە بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشى، بېشىنىڭ ئېشەكنىڭ بېشىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟»(بۇخارى 691؛ مۇسلىم 427)
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:‹ نَهَى رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَنْ تَحْلِقَ الْمَرْأَةُ رَأْسَهَا›«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشىنى چەكلىدى.»(نەسەئىي 5049؛ سەھىھ زەئىپلىكىدە ئىختىلاپ بار)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقى يۈزىسىدىن ۋىسال روزىسىنى (ئىپتار قىلماستىن كېچەك-كۈندۈز ئۇلاپ روزا تۇتۇشنى) چەكلىدى.»(بۇخارى 1964)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يېمەك-ئىچمەك تۈرىدىكى ماللارنى سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئۇ مال قولىغا تەگمەي تۇرۇپ باشقىلارغا سېتىشىنى چەكلىدى.»(بۇخارى 2124)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يېمەكلىك تۈرىدىكى مالنى سېتىۋالغان كىشى تاكى ئۇ مالنى قولىغا ئالمىغۇچە باشقىلارغا ساتمىسۇن.»(بۇخارى 2133)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم چەكلىگەن ئىش يېمەكلىك تۈرىدىكى مالنىڭ قولغا تەگمىگۈچى باشقىلارغا سېتىلىشىدۇر.
ئىبنى ئابباس بۇنىڭغا قوشۇپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ نەزىرىمدە ھەممە مال يېمەكلىك تۈرىدىكى مالغا ئوخشاش (قولغا ئالمىغۇچە باشقىلارغا سېتىلمايدۇ.)(بۇخارى 2134)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالدامچىلىق (قىلغۇچى) دوزاختىدۇر. بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئۇ قىلمىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.»(بۇخارى)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دۈشمەن زېمىنىغا سەپەر قىلغان كىشىنىڭ قۇرئان ئېلىۋېلىشىنى چەكلىدى.(بۇخارى 2990)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خەيبەر كۈنى ئېشەك گۆشى يېيىشنى چەكلەپ، ئات گۆشىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلدى.(بۇخارى 4219؛ مۇسلىم 1941)
ئۇقبە ئىبنى سۇبھان مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇيۇنىدىغان يەرگە سىيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. (بۇخارى 4842