وعن أبي إسحاقَ سَعدِ بنِ أبي وَقَّاصٍ مالِكِ بنِ أُهَيْب بنِ عبدِ منافِ بنِ زُهرَةَ بنِ كلابِ بنِ مُرَّةَ بنِ كعبِ بنِ لُؤيٍّ القُرشِيِّ الزُّهريِّ ، أَحَدِ العَشَرَةِ المشهودِ لهم بالجنةِ ، قَالَ : جاءنِي رسولُ اللهِ يَعُودُنِي عَامَ حَجَّةِ الوَدَاعِ مِنْ وَجَعٍ اشْتَدَّ بي ، فقُلْتُ : يَا رَسُولَ اللهِ ، إنِّي قَدْ بَلَغَ بي مِنَ الوَجَعِ مَا تَرَى ، وَأَنَا ذُو مالٍ وَلا يَرِثُني إلا ابْنَةٌ لي ، أفأَتَصَدَّقُ بِثُلُثَيْ مَالِي ؟ قَالَ : (( لا )) ، قُلْتُ : فالشَّطْرُ يَا رَسُولَ اللهِ ؟ فقَالَ : (( لا )) ، قُلْتُ : فالثُّلُثُ يَا رَسُولَ اللهِ ؟ قَالَ : (( الثُّلُثُ والثُّلُثُ كَثيرٌ – أَوْ كبيرٌ – إنَّكَ إنْ تَذَرْ وَرَثَتَكَ أغنِيَاءَ خيرٌ مِنْ أنْ تَذَرَهُمْ عَالَةً() يتكفَّفُونَ النَّاسَ ، وَإنَّكَ لَنْ تُنفِقَ نَفَقَةً تَبْتَغي بِهَا وَجهَ اللهِ إلاَّ أُجِرْتَ عَلَيْهَا حَتَّى مَا تَجْعَلُ في فِيِّ امْرَأَتِكَ )) ، قَالَ : فَقُلتُ : يَا رسولَ اللهِ ، أُخلَّفُ() بعدَ أصْحَابي ؟ قَالَ : (( إِنَّكَ لَنْ تُخَلَّفَ فَتَعملَ عَمَلاً تَبتَغي بِهِ وَجْهَ اللهِ إلاَّ ازْدَدتَ بِهِ دَرَجةً ورِفعَةً ، وَلَعلَّكَ أنْ تُخَلَّفَ حَتّى يَنتَفِعَ بِكَ أقْوَامٌ وَيُضَرَّ بِكَ آخرونَ . اللَّهُمَّ أَمْضِ لأصْحَابي هِجْرَتَهُمْ ولاَ تَرُدَّهُمْ عَلَى أعقَابهمْ ، لكنِ البَائِسُ سَعدُ بْنُ خَوْلَةَ )) يَرْثي لَهُ رَسُولُ اللهِ أنْ ماتَ بمَكَّة . مُتَّفَقٌ عليهِ .
جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىدىن بىرى بولغان سەئىد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ۋىدالىشىش ھەججى يىلى قاتتىق ئاغرىپ ياتقىنىمدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مېنى يوقلاپ كەلدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كۆرۈپ تۇرغانلىرىدەك، كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتتى. مەن بولسام مالدار كىشىمەن. قىزىمدىن باشقا مىراسخورۇم يوق. شۇڭا ماللىرىمنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى سەدىقە قىلىۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ياق» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇنداقتا، يېرىمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ياق» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇنداقتا، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلغىن. ئەسلىدە ئۈچتىن بىرىمۇ كۆپلۈك قىلىدۇ. (يەنە بىر رىۋايەتتە <ئۈچتىن بىرىمۇ بۈيۈكتۇر> دەپ كەلگەن.) ۋارىسلىرىڭنى باي ھالەتتە قالدۇرۇشۇڭ، ئۇلارنى كىشىلەرگە قوللىرىنى سوزىدىغان كەمبەغەل ھالەتتە قالدۇرۇپ قويۇشىڭدىن ياخشىدۇر. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ھەر بىر خىراجىتىڭ ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان لوقما ئۈچۈنمۇ ساۋاب تاپىسەن» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! (سىلەر مەدىنىگە قايتىسىلەر) مەن بولسام (كېسەللىكىم سەۋەبلىك مەدىنىگە قايتالماي مەككىدە قېلىپ) دوستلىرىمنىڭ كەينىدە قالارمەنمۇ؟ دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «كەينىدە قالمايسەن. ئاللاھنىڭ يۈزىنى (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى) كۆزلەپ قانداقلا ياخشى ئەمەلنى قىلساڭ، شۇ ئەمىلىڭ سەۋەبلىك (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى) دەرىجەڭ ئېشىپ، مەرتىۋەڭ يۈكسىلىدۇ. ئۈمىدكى، سەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر سەندىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئى ئاللاھىم، ساھابىلىرىمنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىغىن. ئۇلارنى كەينىگە ياندۇرۇۋەتمىگىن. لېكىن، ھەقىقىي ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىكى سەئد ئىبنى خەۋلەدۇر.» سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەئد ئىبنى خەۋلەنىڭ مەككىدە ۋاپات بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا ئېچىندى. (بۇخارى 2742؛ مۇسلىم 1628؛ ئەبۇ داۋۇد 2864؛ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 3\63؛ ئىبنى ھىببان 7261؛ رىيازۇس سالىھىن 6) hedisim.com
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راستتىنلا ئۇزۇن يىل ياشىغان ۋە ئون يەتتە ئوغلى، ئون بىر قىزى بولغان…(ئىبنى ئۇسەيمىن:«رىيازۇس سالىھىن شەرھى»،6-ھەدىسنىڭ شەرھىدىن پارچە)