شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ۋە تارقىتىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شەرئىي ئىلىم ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

((طلب العلم فريضة على كل مسلم)) «شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر.» (ئىبنى ماجە 224؛ مىشكات 86؛ سەھىھ).

يەنە مۇنداق دېگەن:((وَمَن سَلَكَ طَرِيقًا يَلْتَمِسُ فيه عِلْمًا، سَهَّلَ اللَّهُ له به طَرِيقًا إلى الجَنَّةِ)) «كىمكى شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولىغا كىرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.»(مۇسلىم 2699)

يەنە مۇنداق دېگەن:((إِنَّ الْأَنْبِيَاءَ لَمْ يُوَرِّثُوا دِينَارًا وَلَا دِرْهَمًا ، إِنَّمَا وَرَّثُوا الْعِلْمَ ، فَمَنْ أَخَذَ بِهِ أَخَذَ بِحَظٍّ وَافِرٍ)) «پەيغەمبەرلەر ئالتۇن-كۈمۈش مىراس قالدۇرمىدى، پەقەتلا ئىلىم مىراس قالدۇردى. پەيغەمبەرلەر مىراس قالدۇرغان شەرئىي ئىلىمنى ئالغان بەك بۈيۈك مىراسنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.» (تىرمىزى 2682؛ ئەبۇ داۋۇد 3641؛ ئىبنى ماجە 223؛ سەھىھ) hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ