ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، سۆزدىن توختايتتى ۋە وَيُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِتەرجىمىسى: گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيىلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، دېگەن ئايەتنى ئوقۇيتتى ۋە: مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ زېمىن ئەھلىنى ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىشىدۇر،» دەيتتى. [بۇخارى «ئەدەبۇل مەپرەد» ناملىق ئەسەرنىڭ 723-بېتىدە بايان قىلغان. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ «مۇئەتتا»ناملىق ئەسەردە 3641- نومۇرلۇق ھەدىستە، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ» ئەلئەزكار» ناملىق ئەسەردە 235-ھەدىستە، شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ «سەھىھ ئەدەبۇل مۇپرەد»ناملىق ئەسەردە ئىسنادى سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن.
فقد ثبت عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ الزُّبَيْرِ رضي الله عنه : » أَنَّهُ كَانَ إِذَا سَمِعَ الرَّعْدَ تَرَكَ الْحَدِيثَ ، وَقَالَ: سُبْحَانَ الَّذِي يُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِ [الرعد: 13] ، ثُمَّ يَقُولُ : إِنَّ هَذَا لَوَعِيدٌ شَدِيدٌ لِأَهْلِ الْأَرْضِ » . رواه البخاري في «الأدب المفرد» (723) ، ومالك في «الموطأ» (3641) وصحح إسناده النووي في «الأذكار» (235) ، والألباني في «صحيح الأدب المفرد» (556).