ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبىدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن دۈشەنبە كۈنىدە تۇغۇلدۇم ۋە ئۇ كۈندە ماڭا پەيغەمبەرلىك ۋەھى نازىل قىلىندى دېگەن. [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 1162-ھەدىس]. روى مسلم (1162) عَنْ أَبِي قَتَادَةَ الْأَنْصَارِيِّ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سُئِلَ عَنْ صَوْمِ الِاثْنَيْنِ فَقَالَ : ( فِيهِ وُلِدْتُ وَفِيهِ أُنْزِلَ عَلَيَّ ) .
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ، مەن ئەمىلىمنىڭ روزا تۇتقان ھالىتىمدە ئاللاھقا كۆتۈرۈلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 747-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. روى الترمذي (747) وحسنه عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ : ( تُعْرَضُ الْأَعْمَالُ يَوْمَ الِاثْنَيْنِ وَالْخَمِيسِ فَأُحِبُّ أَنْ يُعْرَضَ عَمَلِي وَأَنَا صَائِمٌ )