فىتىر زاكىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ‍ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305 [سۆز ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى يەنە باشقا ھەدىسلەر زىكىر قىلىنمىدى. تور بېتىمىزدىن «فىتىر زاكىتى» دەپ ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەرگە ئېرىشەلەيسىز.]

كۆرگىنىمىزدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى يېمەكلىكتىن بېرىشنى ئوچۇق بۇيرۇدى. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە پۇل — يەنى دىنار-دىرھەملەر بولۇشىغا قارىماستىن، كىشى دىنار-دىرھەملەر ئارقىلىق شۇ زاماندىمۇ ئۆزىگە لازىم ھەر قانداق نەرسىنى سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا قارىماستىن، پۇل بېرىشنى ئەمەس، يېمەكلىك بېرىشنى بۇيرۇدى.

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) ياكى ئارپىدىن بىر سائ ياكى خۇرمىدىن بىر سائ ياكى پىشلاقتىن بىر سائ ۋەياكى كىشمىشتىن بىر سائ بېرەتتۇق.» hedisim.com (بۇخارى 1506؛ مۇسلىم 985) أبي سعيد الخدرى قال: «كنا نخرج زكاة الفطر صاعا من طعام أو صاعا من شعير، أو صاعا من تمر، أوصاعا من أقط أو صاعا من زبيب» متفق عليه: خ (١٥٠٦/ ٣١٧/ ٣)، م (٩٨٥/ ٦٧٨/ ٢)، ت (٦٦٨/ ٩١/‏٢)، د (١٦٠١/ ١٣/‏٥)، نس (٥١/ ٥)، جه (١٨٢٩/ ٥٨٥/ ١).

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە (فىتىر زاكىتى ئۈچۈن) ھۆر بولسۇن، قۇل بولسۇن بارچە ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ئاساسلىق يېمەكلىكلەر ئۈچۈن ئۆلچەم بىرلىكى بولغان مۇد ۋە سائ  ئۆلچىمىگە بىنائەن — يا ئىككى مۇد (يەنى يېرىم سائ) بۇغداي، ياكى بىر سائ خورما بېرەتتى.» hedisim.com  «أن أسماء بنت أبي بكر كانت تخرج على عهد رسول الله – ﷺ – عن أهلها -الحر منهم والمملوك- مُدّيْن من حنطة أو صاعا من تمر، بالمد أو بالصاع الذي يقتاتون به» الطحاوي-شرح معاني الآثار- (٤٣/ ٢)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ