مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە | ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى نامازدا خاتالاشسا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمايدۇ

ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى نامازدا خاتالاشسا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمايدۇ

تابىئىن ئىمام ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ رەھىمەھۇللاھتىن نامازنى ئىمام بىلەن بىللە باشلاپ، (ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغان بۇ) نامىزىدا خاتالاشقان كىشى (قانداق قىلىدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىلىۋىدى «ئىمامنىڭ نامىزى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمايدۇ» دېدى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 4560) mujtehid.com

تابىئىن ئىمام ئىبراھىم نەخەئى مۇنداق دېگەن: ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان كىشى (نامازدا خاتالاشقان تەقدىردە، ئۇنىڭ) ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى يوق. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 4561) mujtehid.com

تابىئىن ئىمام مەكھۇل مۇنداق دېگەن: «ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان كىشى (نامازدا خاتالاشسا) سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 4562) mujtehid.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ