ھەدىس | ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر

كەئىب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ لِكُلِّ أُمَّةٍ فِتْنَةً وَفِتْنَةُ أُمتي المالُ)) «ھەر ئۈممەتنىڭ بىر پىتنىسى بار. مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 2336؛ رىيازۇس سالىھىن 481، مىشكات مەسابىھ 5194) مىشكات شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ بىر پىتنىسى بار» — يەنى، بۇ يەردىكى «پىتنە» كىشىنى ئازغۇنلۇققا ياكى گۇناھقا چۈشۈرۈشى مۇمكىن بولغان ئىش ياكى نەرسىدۇر. (مرقاة المفاتيح شرح مشكاة المصابيح ٨/٣٢٥٢) «ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر» — يەنى، بۇ ئۈممەتنى ئەڭ كۆپ ئازدۇرىدىغان نەرسىلەردىن بىرى مال-دۇنيا، پۇل-مالدۇر. پۇل-مال تاپىمەن دەپ ھارامغا چۈشىدۇ؛ ھارام نەرسىلەرنى ئېلىپ-ساتىدۇ، ياكى ھارام ئىشتا ئىشلەيدۇ. پۇل-مال تاپىمەن دەپ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ چەك-چېگرىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ. ياكى، پۇل-مالغا ئېرىشكەنلىك سەۋەبلىك چوڭچىلىق قىلىپ، يوغىناپ كىشىلەرگە قارشى ھەددىدىن ئاشىدۇ، ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا قارشى ئىسيانكارلىق قىلىدۇ.

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ