شەرئىي ئىلىمنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى | فۇرقان دەۋەت مەركىزى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 71؛ مۇسلىم 1037؛ ئىبنى ماجە 221؛ مۇسنەد ئمام ئەھمەد 4\93؛ مۇۋەتتائ مالىك 1667؛ دارىمىي 226)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستىن مۇنۇ چۈشەنچىلەر ئايدىڭلىشىدۇ: دىننى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان، يەنى ئىسلامنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك فىقھى ۋە ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەن كىشىلەرنىڭ خەيردىن (ياخشىلىقتىن) مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئالىملارنىڭ — شەرئىي ئىلىمغا تىرىشىپ ئەمەل قىلىش يولىنى تۇتقانلىكى مۇددەتتە — باشقا ئىنسانلارغا قارىغاندا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ دىندا چوڭقۇر فىقھى بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ باشقا ئىلىملەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشتىن كۆپ ئەۋزەللىك سانىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((طلب العلم فريضة على كل مسلم))«شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.» hedisim.com (تەبرانى، ئىبنى ھىببان، جامىئۇس سەغىر؛ سەھىھ)
ئالىملار بۇ ھەدىستىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆگىنىشى پەرز بولغان شەرئىي ئىلىمنى — تەۋھىد ئىلىمى، تاھارەت، ناماز، زاكات، روزا، ھەج فىقھى؛ كىشى ئۆزى نامازدا ئوقۇيدىغان سۈرە-ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىنىش، شۇنداقلا كىشىنىڭ ئۆزى شۇغۇللانماقچى بولغان ئىشقا ئالاقىدار ھالال ھاراملارنى ئۆگىنىش قاتارلىقلار دېگەن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((إِنَّ الْأَنْبِيَاءَ لَمْ يُوَرِّثُوا دِينَارًا وَلَا دِرْهَمًا ، إِنَّمَا وَرَّثُوا الْعِلْمَ ، فَمَنْ أَخَذَ بِهِ أَخَذَ بِحَظٍّ وَافِرٍ)) «پەيغەمبەرلەر ئالتۇن-كۈمۈش مىراس قالدۇرمىدى، پەقەتلا ئىلىم مىراس قالدۇردى. پەيغەمبەرلەر مىراس قالدۇرغان شەرئىي ئىلىمنى ئالغان كىشى بەك بۈيۈك مىراسنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 2682؛ ئەبۇ داۋۇد 3641؛ ئىبنى ماجە 223؛ سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((وَمَن سَلَكَ طَرِيقًا يَلْتَمِسُ فيه عِلْمًا، سَهَّلَ اللَّهُ له به طَرِيقًا إلى الجَنَّةِ)) «كىمكى شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولىغا كىرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2699)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«مَنْ جَاءَ مَسْجِدي هَذَا لم يَأْته إِلَّا لِخَيْرٍ يَتَعَلَّمُهُ أَوْ يُعَلِّمُهُ فَهُوَ بِمَنْزِلَةِ الْمُجَاهِدِ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَنْ جَاءَ لِغَيْرِ ذَلِكَ فَهُوَ بِمَنْزِلَةِ الرَّجُلِ يَنْظُرُ إِلَى مَتَاعِ غَيْرِهِ»
«كىم مېنىڭ بۇ مەسجىدىمگە پەقەت ۋە پەقەت بىر ياخشىلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ياكى بىر ياخشىلىقنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلسە، كېلىش مەقسىتى پەقەت مۇشۇلا بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ مەرتىۋىسى ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدنىڭ مەرتىۋىسىدە بولىدۇ. مەسجىدىمگە بۇنىڭدىن باشقا مەقسەت بىلەن كەلگەن كىشى بولسا، باشقىسىغا ئائىت مالغا قارىغان كىشىنىڭ دەرىجىسىدە بولىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ماجە 227؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان؛ ھاكىم: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئەلبانى: ئىمام مۇسلىم شەرتىگە بىنائەن سەھىھ، دېگەن.)
شەيخ ئەبۇلھەسەن سىندىي رەھىمەھۇللاھ سۈنەن ئىبنى ماجەگە يازغان ئىزاھاتىدا مۇنداق دېگەن: باشقىسىغا ئائىت مالىغا قارىغان كىشى — يەنى بازارغا بېرىپ يا بىر نەرسە ساتماي، ياكى بىر نەرسە سېتىۋالماي، كىشىلەرنىڭ ماللىرىغا قاراپ ئايلىنىپ يۈرگەن كىشىدۇر. بۇ كىشى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىرەر پايدىغا ئېرىشەلەمدۇ؟ [حاشية السندي (١/ ٢١١)]
* بۇ ھەدىس خاس ھالەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مەسجىدىدە شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ ياكى ئۆگىتىشنىڭ ئىنتايىن ئۈستۈن پەزىلىتى بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىستىن ھەرگىزمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مەسجىدىگە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن، زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان كىشىنىڭ «باشقىسىغا ئائىت مالغا قارىغان كىشى» ھۆكمىدە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) مەسجىدىدە ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى — ھەرەم مەسجىدى مۇستەسنا — باشقا مەسجىدە ئوقۇلغان مىڭ ۋاخ نامازنىڭ ساۋابىغا تەڭدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسىدۇر.
ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن اللَّه وملائكته حتى النملة في جحرها، وحتى الحوت في البحر، ليصلون على معلم الناس الخير)) «پەرىشتىلەر، ھەتتا ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلىلەر، ھەتتا دېڭىزدىكى كىتلار كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچىگە رەھمەتۋە مەغفىرەت تىلەيدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى: صحيح الجامع الصغير وزيادته ١/٣٧٦، سەھىھ) ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ ھەدىستىكى «ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچى» نى — كىشىلەرگە پايدىلىق دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ شەرھلىگەن. [شرح حديث: إن الله وملائكته يصلون على معلم الناس الخير]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((سَلُوا اللَّهَ عِلْمًا نَافِعًا وَتَعَوَّذُوا بِاللَّهِ مِنْ عِلْمٍ لَا يَنْفَعُ)) «ئاللاھتىن پايدىلىق ئىلىم تىلەڭلار، ئاللاھقا سېغىنىپ پايدىسى يوق ئىلىمدىن پاناھ تىلەڭلار.» hedisim.com (ئىبنى ماجە، مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە؛ ھاكىم، ئىبنى ھىببان؛ ئەلبانى: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1511، سەھىھ ھەدىس)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( صَاحِبُ العِلْمِ يَسْتَغْفِرُ لَهُ كُلُّ شَيْءٍ حَتَّى الحوت في البحر)) «ئىلىمىگە ئەمەل قىلىدىغان شەرئىي ئىلىم ساھىبىغا دېڭىزدىكى بېلىقلارغىچە (جىمىي جانىۋار) مەغفىرەت تىلەيدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 7201؛ ئەلبانى: سەھىھ ھەدىس توپلىمى 3024؛ سەھىھ)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ تَعَلَّمَ الْعِلْمَ لِيُبَاهِيَ بِهِ الْعُلَمَاءَ وَيُمَارِيَ بِهِ السُّفَهَاءَ وَيَصْرِفَ بِهِ وُجُوهَ النَّاسِ أَدْخَلَهُ اللَّهُ جَهَنَّمَ)) «كىمكى شەرئىي ئىلىمنى ئۆلىمالارغا قارشى پەخىرلىنىش ئۈچۈن1، ياكى ئەخمەقلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن2، ياكى ئىلىمى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن ئۆگەنسە، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا تاشلايدۇ.»hedisim.com (ئىبنى ماجە؛ السراج المنير في ترتيب أحاديث صحيح الجامع الصغير 263؛ سەھىھ) [1.2. شرح سنن ابن ماجة – الراجحي ١٧/١٣]
ئۆگەنگەن شەرئىي ئىلىمنى ياكى پايدىلىق ئىلىمنى يوشۇرۇشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أيما رجل آتاه الله تعالى علما فكتمه، ألجمه الله يوم القيامة بلجام من نار)) «ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە ئىلىم ئاتا قىلسا، كىشى ئاللاھ ئاتا قىلغان ئۇ ئىلىمنى يوشۇرسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئوتتىن يۈگەن سالىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2965؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2714؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
* بىر ئالىمدىن بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمى سورىلىدۇ، ئۇ بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بىلىدۇ، لېكىن مەلۇم مەنپەئەتلەر سەۋەپلىك بۇ ھەقتىكى ئىلىمنى خەقلەرگە دەپ بەرمەي يوشۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئالىم يۇقىرىقى تەھدىتنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.
* بىر قارىيدىن بىر ئايەتنىڭ مۇنداق ياكى ئۇنداق ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مۇسۇلمان سورايدۇ، ئەمما، قارىي بېخىللىق قىلىپ ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ئايەتنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى سورىغۇچىغا دەپ بەرمەيدۇ. نەتىجىدە بۇ قارىي يۇقىرىقى تەھدىتنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.
* جەمئىيەتتە مەلۇم بىر ھارام ياكى بىدئەت ئىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان، دىنىي ئىلىمدىن خەۋەردار كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياكى ماقالە ئەسەر يېزىپ شۇ ئىشنىڭ ھارام، ياكى بىدئەت ئەمەللىكىنى ئاۋامغا ۋە ئىلىم يولىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشتىن — ھورۇنلۇق ياكى كىشىلەرنىڭ تەنقىد-تىللاشلىرىدىن قورقۇپ، ياكى مەلۇم مەنپەئەتلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ — ئۆزىنى تارتىدۇ. نەتىجىدە، كىشىلەر ئۇ ھارام ئىشنىڭ ھاراملىقىنى ياكى بىدئەتلىكىنى بىلمەي دۇرۇس دەپ ئۇ ئىشنى قىلىپ كېتىۋېرىدۇ. مانا بۇنداق كىشى ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىمنى يوشۇرغان ئەڭ چوڭ جىنايەتكار كىشىدۇر. مۇسۇلمانلار دەل مۇشۇنداق تىپتىكى ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ، شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە بايان قىلماي تۈگۈلۈپ تۇرىۋالىدىغان كىشىلەر سەۋەبلىك نۇرغۇن ھاراملارغا، بىدئەتلەرگە ۋە يامانلىقلارغا چۈشىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ قۇرئاندا نەچچىلىگەن ئايەتلەردە دوزاخ بىلەن تەھدىت سالغان.
مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ شەرئىي ئىلىم ھەققىدە ئېيتقانلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | فۇرقان دەۋەت مەركىزى
ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىلىم دېگەن — مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن يېتىپ كەلگەن نەرسىلەردۇر. ئۇلارنىڭ بىرەرسىدىن يېتىپ كەلمىگەن نەرسە ئىلىم ھېسابلانمايدۇ.» (جامع بيان العلم 1\796) hedisim.com
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«شەرئىي ئىلىمنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىدە ياخشىلىق يوق.» (دەمەشىق تارىخى 15\407) hedisim.com
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلىكتىن قالسا شەرئىي ئىلىم تارقىتىشتىنمۇ پەزىلەتلىك ماقامنى بىلمەيمەن.» (ئىبنۇل جەۋزى: سەفۋاتۇس سەفۋا) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: «بەخىتكە ئېرىشىدىغان كىشى – سەلەف ئالىملىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن، خەلەفنىڭ (كېيىنكى كىشىلەرنىڭ) ئويدۇرغانلىرىدىن قاچقان كىشىدۇر.» (بۇخارى 7288-ھەدىسكە ئىبنى ھەجەر شەرھى،فەتھۇلبارى 14/334) hedisim.com
ئىمام سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «پەرزلەرنى ئادا قىلىشتىن كېيىن پەزىلەت جەھەتتە شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشكە يېتىدىغان ئەمەل يوق.» hedisim.com (بەيھەقى، مەناقىب شافى 2\138؛ ئىبنى ئابدىلبەر، جامىئۇل بايانىل ئىلم 1\25؛ ئىبنى جەۋزى، مىنھاج قاسىدىن)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن:«ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتى نەپلە ناماز ئوقۇشتىن ئۈستۈندۇر.» hedisim.com (ئەبۇ نۇئەيم، ھىليە 9\119؛ بەيھەقى، مەناقىب شافى 2\138؛ ئىبنى ئابدىلبەر، جامىئۇل بايانىل ئىلم 1\25؛ ئىبنۇل جەۋزى، مىنھاج قاسىدىن)
ئىمام مالىك قۇرەيشلىك بىر ياشقا «ئوغلۇم، ئىلىمنى ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال ئەدەپنى ئۆگەن» دېگەن. (حلية الأولياء 5\175) hedisim.com
بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: «العلم صلاة السر، وعبادة القلب.» «شەرئىي ئىلىم مەخپىي ئوقۇلغان نامازدۇر ۋە قەلبنىڭ ئىبادەتىدۇر.» hedisim.com (حلية طالب العلم)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: «ﻣﻦ ﺃﺣﺐ ﺃﻻ ﻳﻨﻘﻄﻊ ﻋﻤﻠﻪ ﺑﻌﺪ ﻣﻮﺗﻪ: ﻓﻠﻴﻨﺸﺮ ﺍﻟﻌﻠﻢ.» «كىمكى ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ياخشى ئەمىلىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئارزۇلىسا — شەرئىي ئىلىم تارقاتسۇن.» (التذكرة في الوعظ، 55) hedisim.com
ئىبنى ۋەھب رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ: بىر كۈنى ئىمام مالىكنىڭ يېنىدا ئىدىم. قولۇمدىكى ئىلىم ۋاراقچىلىرىنى بىر ياققا قويدۇم ۋە (نەپلە) ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇردۇم. بۇنى كۆرگەن ئىمام مالىك: «ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغان نامىزىڭ تەرك ئەتكەن ئىلىمىڭدىن پەزىلەتلىك ئەمەس» دېدى. بۇ ۋەقەلىكنى ئىبنى ئابدۇلبەر ۋە باشقىلارمۇ بايان قىلغان. hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،877)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:«كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، كىتاپ ۋە سۈننەتتىكى بۇيرۇق چەكلىمىلەرگە ئۆزىنى ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان كىشىنىڭ ئىلىمى شەيتاندىندۇر. بىر ئىلىمنىڭ رەھمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەنلا بىلىنىدۇ.» (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،881) hedisim.com
ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۆگىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشىنى ھالال قىلىپ، ئۆگىتىلمىگەن ھايۋانلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشىنى ھارام قىلغان. ئىلىمسىز جاھىل كىشى بىلەن (ئىلىملىك كىشىنىڭ مىسالىمۇ) مۇشۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئىلىمسىز جاھىل كىشىگە قىلغان ئەمەللىرى پايدا بەرمەيدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،878)
سەلەف ئالىملىرىدىن ئەبۇ سۇلايمان داررانىي مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىبادەت — (دىنىي ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىپ) پاچاقنى پاچاققا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن نان ئوشتۇپ، خىزمەت قىلىشى ئەمەس. ئىبادەتنى — يەيدىغان نېنىڭنى ھالال كۈچۈڭ بىلەن تېپىپ يېيىشتىن باشلا. يېمەك-ئىچمىكىڭنى (ۋە ئېھتىياجىڭنى) ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ ھەل قىل، ئاندىن ئىبادەت قىل. ئىشىكىڭنىڭ چېكىلىپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن دۇنيالىق پۇل-مال، لازىمەتلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىنى تاما قىلىدىغان قەلبتە ياخشىلىق يوق.» mujtehid.com (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\382)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ شەرئىي ئىلىمنى (مەندىن ۋە كىتاپلىرىمدىن) ئۆگىنىشىنى ۋە بۇ ئىلىمدىن ماڭا ھېچنەرسىنى نىسبەت بەرمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىمەن.» hedisim.com (سىيەر ئەئلام نۇبەلا 10\55؛ جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم 1\316)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «شەرئىي ئىلىمنى ياخشى كۆرۈش بەخىت-سائادەتنىڭ ئالامىتىدىندۇر. شەرئىي ئىلىمنى ئۆچ كۆرۈش بەدبەختلىكنىڭ ئالامىتىدىندۇر.» hedisim.com (مفتاح دار السعادة)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«شەرئىي ئىلىمگە بولغان ئېھتىياج يەپ-ئىچىش ئېھتىياجىدىنمۇ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، يېمەك-ئىچمەككە كۈندە بىر نەچچە قېتىم ئېھتىياج چۈشسىمۇ، (مۇسۇلماننىڭ) شەرئىي ئىلىمگە ھەر دەقىقىدە ئېھتىياجى چۈشىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،876)
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىلىم مۇزاكىرىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىشتۇر. ئىلىم ئۆگىنىش جىھادتۇر. ئىلىم ئىزدەش ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئىلىمنى يېيىش سەدىقىدۇر. ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش كۈندۈزى روزا بىلەن، كېچىنى ناماز بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاشتۇر. كىشىنىڭ ئىلىمگە بولغان ئېھتىياجى يەپ ئىچىشكە بولغان ئېھتىياجىدىن بەكراق ئۈستۈندۇر.» (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،876) hedisim.com
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (دِراسَةُ العِلْم وحِفظ الأحادِيث والمُذاكرَة فيها، مِنْ أسباب دُخُول الجنة والنّجاة مِن النّار) «شەرئىي ئىلىمنى دەرسلىك قىلىش، ھەدىسلەرنى يادلاپ، مۇزاكىرە قىلىش — جەننەتكە كىرىپ، دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.» hedisim.com (فەتۋا نۇرۇن ئەلەددەرب، 1\12)
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «شۇنداق دېيىلەتتىكى: دىننىڭ بىرىنچى بۆلىكى تىلنى يىغىش، ئىككىنچى بۆلىكى ئاڭلاش ۋە يادلاش، ئۈچىنچى بۆلىكى بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش، تۆتىنچى بۆلىكى ئۆگەنگەن شەرئىي ئىلىملىرىنى يېيىش ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىشتۇر.» (حلية الأولياء، 6\362) hedisim.com
ئىمام شافىي بىلەن دەۋرداش ياشىغان سەلەف ئىمامى سۇلايمان ئىبنى ھەرب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار ئۈچ تۈرلۈكتۇر: (1) سەن ئىلىم ئۆگەتسەڭ سەندىن بۇ ئىلىمنى ئالىدىغان كىشى. (2) سەن ئىلىم ئۆگىنىدىغان كىشى. مانا بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنسان بىلەن ئارىلىشىسەن. ئەمدى، بۇ ئىككىسىدىن بولمىغان ئۈچىنچى تۈرلۈك كىشى سېنىڭ قېچىشىڭ كېرەك بولغان كىشىدۇر.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\282) hedisim.com
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: «ئىلىمنىڭ ئوندىن توققۇزى ئۆمەردە.» (ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىم رازى ئىمام شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (إِنَّمَا الْعِلْمُ عِلْمَانِ: عِلْمُ الدِّينِ، وَعِلْمُ الدُّنْيَا، فَالْعِلْمُ الَّذِي لِلدِّينِ هُوَ: الْفِقْهُ، وَالْعِلْمُ الَّذِي لِلدُّنْيَا هُوَ: الطِّبُّ) «ئىلىم دىنىي ئىلىم ۋە دۇنياۋىي ئىلىمدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈكتۇر. دىنىي ئىلىم فىقھتۇر. دۇنياۋىي ئىلىم تىبابەتتۇر.» (يەنى دىنىي ئىلىمدە ھەر كىم ھاجەتمەن بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىلىم فىقھى ئىلىمىدۇر. دۇنياۋىي ئىلىم ئىچىدە ھەر كىم موھتاج بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىلىم تىبابەت \ مېدىتسىنا ئىلىمىدۇر. فىقھ كىشىنىڭ دىنىنى قوغدايدۇ، تىبابەت كىشىنىڭ بەدىنىنى قوغدايدۇ.) | مۇجتەھىد تورى mujtehid.com روى الإمام ابن أبي حاتم الرازي في «آداب الشافعي ومناقبه» ص244
سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قورسىقىڭلارنى چىڭداپ تويغۇزماڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش قەلبنى قاتتىقلاشتۇرىدۇ. ئىلىمنى قەلبىڭلاردا مۇھاپىزەت قىلىڭلار، كۆپ كۈلمەڭلار. چۈنكى، كۆپ كۈلۈش ئىلىمنى قەلبتىن يوق قىلىۋېتىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك، زۇھد كىتابى، 255-نومۇر)
سەلەف ئىماملىرىدىن ئىبنى شىھاب زۇھرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ ھوزۇرىغا بارغىنىمىزدا، ئۇلاردىن ئىلىم ئۆگىنىشتىن بەكراق ئەدەپ ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرەتتۇق.» hedisim.com (ئەبۇ نۇئەيم: حلية الأولياء 10\21)
سەلەفنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىماملىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىر ئاز ئەدەپ ساھىبى بولۇشۇڭلار، (ئەدەپ ساھىبى بولمىغان ھالدا) بەك كۆپ ئىلىمگە ئىگە بولغىنىدىن ياخشىدۇر. ئەدەپلىك كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئەدەپ ئىزدەشكە باشلىدۇق.» hedisim.com (دەمەشىق تارىخى، 38\250)
ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس مۇنداق دېگەن: «(ساھابىلەردىن) ئىلىمنى (يەنى ھەدىسنى) تۇنجى بولۇپ يازغان كىشى ئىبنى شىھابتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ نۇئەيم: حلية الأولياء 10\22)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قولۇڭلاردىكى ئىلىمنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپۈنچىسى شافىيدىندۇر. ئوتتۇز يىلدىن بېرى ھەر كۈنى ئىمام شافىيغا رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلىپ كەلدىم.» hedisim.com (حلية الأولياء 7\16) فۇرقان دەۋەت مەركىزى تارقاتتى