ھەدىس | ئابدۇللاھ (ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىرىق ياخشى ئەمەل باردۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈستىنى مۇسۇلمان قېرىندىشىم سۈتىنى سېغىپ ئىچىۋالسۇن دەپ ئۆچكىسىنى ئۆتنە بېرىشتۇر. قانداقلا بىر مۇسۇلمان شۇ ياخشى ئەمەللەردىن بىرىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ ۋە ئاللاھنىڭ (ياخشىلىققا ساۋاب بېرىش) ۋەدىسىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 2631؛ رىيازۇس سالىھىن 138) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

داۋامىنى ئوقۇڭ

ھەدىس | ئىككى كەلىمە باردۇركى، تىلدا يەڭگىلدۇر (تەلەپپۇز قىلىش ئاساندۇر)، (قىيامەت كۈنىدىكى ياخشى-يامان ئەمەل ئۆلچىنىدىغان) مىيزاندا (ۋەزنى) ئېغىردۇر، رەھمان تائالاغا سۆيۈملۈكتۇر. (بۇ ئىككى كەلىمە) <سۇبھانەللاھىل ئەزىيم، سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى> دۇر

داۋامىنى ئوقۇڭ