كىبىر ۋە چوڭچىلىق ھەققىدە ئىككى سەھىھ ھەدىس

ئىمام مۇسلىم مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((الْعِزُّ إِزَارُهُ، وَالْكِبْرِيَاءُ رِدَاؤُهُ، فَمَنْ يُنَازِعُنِي عَذَّبْتُهُ )) «ئۈستۈنلۈك ئاللاھنىڭ پەردىسىدۇر، كىبىر (چوڭچىلىق) ئاللاھنىڭ تونىدۇر. (كىم شەرەپ ۋە ئۈستۈنلىك ئىزدەش، كىبىرلىنىپ چوڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۈستۈنلۈك) بىلەن كىبىرنى ئاللاھتىن تالاشسا، ئاللاھ ئۇنى (دوزاختا) جازالايدۇ hedisim.com (مۇسلىم 2620)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ((الْكِبْرِيَاءُ رِدَائِي، وَالْعَظَمَةُ إِزَارِي ، فَمَنْ نَازَعَنِي وَاحِدًا مِنْهُمَا، قَذَفْتُهُ فِي النَّارِ)) «كىبىر مېنىڭ تونۇمدۇر، ئۇلۇغلۇق مېنىڭ پەردەمدۇر، كىم (كىبىرلىنىش ياكى ئۇلۇغلۇق-ئۈستۈنلۈك تاما قىلىش ئارقىلىق) بۇ ئىككىسىدىن بىرىنى مەندىن تالاشسا، مەن ئۇنى دوزاختا جازالايمەن  hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4090)

  • ئۆزىنى ئۈستۈن، ئېسىل ھېس قىلىدىغان، كىبىرلىك، چوڭچىلىق تالىشىدىغان كىشىلەرگە بۇ ھەدىسلەردە قاتتىق ئېغىر تەھدىت بار. بۇ ئىللەتلەر ئەڭ بۈيۈك گۇناھى كەبىرىلەر جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ بىزنى كەمتەر، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان، چوڭچىلىقتىن ئۇزاق ئىنسانلاردىن بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن. ئىنسانغا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشتىنمۇ بەك يارىشىدىغان خىسلەت يوقتۇر. ئۆلىمالار «ئى ئىنسان، سەن نېمەڭگە كىبىرلىنىپ، چوڭچىلىق قىلىسەن، سەن ئىككى ئەۋرەتتىن بىر قېتىمدىن چىققان جان ئىگىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟» دېيىشىدۇ. — فۇرقان دەۋەت مەركىزى
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ