جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُرْآنُ شَافِعٌ مُشَفَّعٌ، وَمَاحِلٌ مُصَدَّقٌ، فَمَنْ جَعَلَهُ أمَامَهُ قَادَهُ إِلَى الْجَنَّةِ، وَمَنْ جَعَلَهُ خَلْفَ ظَهْرِهِ قَادَهُ إِلَى النَّارِ)) «قۇرئان (ئۆزىنى ھەر دائىم تىلاۋەت قىلىپ، دائىم قۇرئانغا مۇستەھكەم ئەمەل قىلغۇچىنى قىيامەت كۈنى) شاپائەت قىلغۇچىدۇر ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىدۇر. (ئۆزىنى تىلاۋەت قىلسىمۇ ھۆكمىگە ئەمەل قىلمىغۇچىنى، ياكى قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتقۇچىنى) شىكايەت قىلغۇچىدۇر ۋە شىكايىتى قوبۇل قىلىنغۇچىدۇر. كىمكى، قۇرئاننى ئۆزىگە يېتەكچى قىلسا قۇرئان ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدۇ؛ كىمكى (قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىماسلىق ياكى ئازغىنە ئەمەل قىلىپ قويۇش ئارقىلىق) قۇرئاننى ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلىسا قۇرئان ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ المعجم الكبير (١٠٤٥٠)، (٨٦٥٥ (واللفظ له، تعليق الألباني «صحيح»، صحيح الجامع (٤٤٤٣)، ابن حبان (١٢٤)، – عن جابر – تعليق شعيب الأرنؤوط «إسناده جيد»)
* بۇ ھەدىستىن يالغان قۇرئانچىلارنىڭ شەيتانىي داۋاسىغا ھېچبىر شەكىلدە دەسمايە بولالمايدۇ. قۇرئاننىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشكە، ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغان؛ ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان؛ رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى چۆرۈپ تاشلىغۇچىنىڭ بەدبەختلەر ۋە كاپىرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نەچچە ئونلىغان ئايەت مەۋجۇت. قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنىڭ يادروسى — رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىپ، ھەر ئىشتا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. قۇرئاننىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ھەر دائىم ئەستە تۇتۇش لازىم: {وما آتاكم الرسول فخذوه وما نهاكم عنه فانتهوا}{رەسۇلۇللاھ سىلەرگە نېمىنى بەرسە شۇنى ئېلىڭلار، سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىڭلار.} قۇرئان رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشنى بۇيرۇيدۇ. (سۈرە ھەشىر 7-ئايەت) قۇرئان كەرىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش يوق، سۈننىتىگە ئەگىشىش يوق دەيدىغان يالغان قۇرئانچى كاپىرلارغىمۇ ئەڭ قاتتىق رەددىيە بەرگەن كىتاپتۇر. {لَقَدْ كَانَ لَكُمْ ف۪ي رَسُولِ اللّٰهِ اُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُوا اللّٰهَ وَالْيَوْمَ الْاٰخِرَ وَذَكَرَ اللّٰهَ كَث۪يرًاۜ}{ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى بەخىت-سائادەتنى ئارزۇلايدىغانلارغا نىسبەتەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدا سىلەر ئۈچۈن گۈزەل ئۆرنەك باردۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 21-ئايەت) بۇ ئايەت بىر جەھەتتىن ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە تۇتۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق كۆرسەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئاخىرەتتىكى بەخىت-سائادەتنى كۆزلەيدىغانلارلا ھەقىقىي ئۈلگە تۇتۇپ، ئۇ زاتنىڭ يولىغا ئەگىشىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. مەزكۇر ھەدىستىكى قۇرئاننى چۆرۈپ تاشلىغۇچى — ئۇنىڭ ھۆكمىگە رىئايە قىلمىغۇچىدۇر. قۇرئاننى ئوقۇپ ئەمەل قىلمايدىغان كىشىنىڭ ئۈستىدىن قۇرئاننىڭ شىكايەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس مەۋجۇت بولۇپ، ھەدىس لەۋزىدىكى «قۇرئان شىكايەت قىلغۇچىدۇر» دېگەن مەنە مۇشۇنداق كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ئېيتقىنىدەك، قۇرئاننى يالغۇز ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ تىلاۋەت قىلىپ، ياكى دۇنياۋى مەنپەئەت، پۇل-مال ۋە يۈز ئابرۇيغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىپ، ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشمىغۇچىلارمۇ قۇرئاننى ئارقىسىغا تاشلىۋەتكەنلەر جۈملىسىدىندۇر. «قۇرئاننى يادقا ئالمىسىمۇ دائىم تىلاۋەت قىلىپ، مەنىلىرىنى ۋە تەپسىرلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەمەل قىلىشقا كۈچەيدىغان كىشى قۇرئان ئەھلى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاننى يادقا ئالغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا شەكلىي تىلاۋەتتىن باشقا جەھەتتە ئەمەل قىلمايدىغان ياكى ئاندا ساندا ئەمەل قىلىپ قويىدىغان كىشى قۇرئان ئەھلى ھېسابلانمايدۇ. ھەم يادلاپ، ھەم مەنە-تەپسىرلىرىنى سەلەپنىڭ تەپسىرىلىشى بويىچە ئۆگىنىپ، ھەم ئەمەل قىلىشقا كۈچەش نۇر ئۈستىگە نۇردۇر. ئەڭ ئەۋزەل قۇرئان ئەھلى، ئاللاھنىڭ خاس كىشىلىرى مانا بۇدۇر.» (شەيخ ئابدۇرازاق ئەلبەدرى) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى