ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إِذَا زَخْرَفْتُم مَسَاجِدَكُمْ، وَحَلَّيتُمْ مَصَاحِفَكُمْ، فَالدَّمَارُ عَلَيكُمْ) «مەسجىدلىرىڭلارنى بېزەپ، قۇرئانلىرىڭلارنى زىننەتلىگىنىڭلاردا ھالاكەتكە يۈزلىنىسىلەر.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ الزهد لابن المبارك (٧٩٧)، تعليق الألباني «حسن»، صحيح الجامع (٥٨٥)، الصحيحة (١٣٥١)، صحيح الجامع الصغير وزيادته ١/١٦٢)
ئىمام ئىززۇدىن سەنئانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن: «مەسجىدىلىرىڭلارنى بېزىگىنىڭلاردا» — مەسجىدلىرىڭلارنى ئالتۇن بىلەن زىننەتلىگىنىڭلاردا؛ «قۇرئانلىرىڭلارنى زىننەتلىگىنىڭلاردا» — قۇرئانىڭلارنى ئالتۇن ياكى كۆمۈش پۈركۈلگەن سىياھتا يازغىنىڭلاردا، ياكى قۇرئانىڭلارنىڭ بېتىگە ۋەياكى مۇقاسىۋىسىغا ئالتۇن-كۆمۈشتىن ھەل بېرىپ زىننەتلىگىنىڭلاردا؛ «ھالاكەتكە يۈزلىنىسىلەر» — ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا بېرىلگىنىڭلار ئۈچۈن. چۈنكى، مەسجىدكە ۋە قۇرئانغا بۇ شەكىلدە ھەشەم-دەرەم قىلىش دۇنياۋىي ئىمكانلارنىڭ كېڭىيىپ، دۇنياغا بېرىلىشنىڭ ئەڭ ئۈستۈن چەككە يەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. مەسجىدنى ۋە قۇرئاننى ئالتۇن بىلەن بېزەش زالىم پادىشاھلار دەۋرىدە يۈز بەردى، ئاقىۋەتتە بۇ خىل مۇنكەر توغرا ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. (التَّنويرُ شَرْحُ الجَامِع الصَّغِيرِ) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى