«بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر» ھەدىسى ۋە شەرھى | ئىمام نەۋەۋى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لاَ تَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّى تُؤْمِنُوا وَلاَ تُؤْمِنُوا حَتَّى تَحَابُّوا . أَوَلاَ أَدُلُّكُمْ عَلَى شَىْءٍ إِذَا فَعَلْتُمُوهُ تَحَابَبْتُمْ أَفْشُوا السَّلاَمَ بَيْنَكُمْ)) «ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر. بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر. ئەگەر قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان بىر ئىشنى سىلەرگە تەلىم بېرەيمۇ؟ (بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن) ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار.» (مۇسلىم 93) | hedisim.com — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى

ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن: «بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر»، يەنى كامىل ئىمانغا ئىگە بولالمايسىلەر، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمانىڭلار دۇرۇس بولمايدۇ، مەنىسىدىدۇر. «ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار» — ھەدىستە، سالامنىڭ يېيىلىشى ۋە تونۇغان، تونىمىغان ھەر مۇسۇلمانغا مەرتلەرچە سالام بېرىلىشى تەشۋىق قىلىنماقتا. سالام يېقىنلىق ھاسىل بولۇشنىڭ تۇنجى سەۋەبىدۇر، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. سالاملىشىش ئىسلام ئۈممىتىنى باشقا دىن ساھىپلىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىك جۈملىسىدىندۇر. سالاملىشىش ئارقىلىق يەنە نەپىس كۆندۈرۈلىدۇ، كىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشغا قارشى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش روياپقا چىقىدۇ. (چۈنكى، چوڭچى، غۇمى يامان كىشى باشقا مۇسۇلمان قېرىندىشىغا — بولۇپمۇ ئارىدا سۈركىلىش ياكى نىزا بولغاندا — باشتا سالام بەرمەيدۇ. بۇنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان كىشى قىلىدۇ.) سالاملىشىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارا دەپسەندە قىلىنىشى ھارام بولغان مۇسۇلمانلىق ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش روياپقا چىقىدۇ. سالاملىشىشنىڭ يەنە بىر ئىنچىكە ئالاھىدىلىكى باركى، سالاملىشىش سەۋەبلىك ئۆز-ئارام مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، ئاداۋەت تۇتۇش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىلىدۇ. (ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغان) ئىككى مۇسۇلمان سالاملىشىش (قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش) ئارقىلىق ئۇلارنىڭ (بىر قىسىم كىچىك) گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. (نەۋەۋى: سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | hedisim.com

 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ