ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صَلَاةٌ فِي مَسْجِدِي هَذَا خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ صَلَاةٍ فِيمَا سِوَاهُ إِلَّا الْمَسْجِدَ الْحَرَام)) «مېنىڭ بۇ مەسجىدىمدە ئوقۇلغان بىر ناماز — مەسجىدى ھەرەم مۇستەسنا — باشقا مەسجىدلەردە ئوقۇلغان مىڭ نامازدىن ياخشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ مىشكات 692)
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صَلَاةٌ فِي مَسْجِدِي هَذَا أَفْضَلُ مِنْ أَلْفِ صَلَاةٍ فِيمَا سِوَاهُ إِلَّا اَلْمَسْجِدَ اَلْحَرَامَ , وَصَلَاةٌ فِي اَلْمَسْجِدِ اَلْحَرَامِ أَفْضَلُ مِنْ صَلَاةٍ فِي مَسْجِدِي بِمِائَةِ صَلَاةٍ)) «مېنىڭ بۇ مەسجىدىمدە ئوقۇلغان بىر ناماز — مەسجىدى ھەرەم مۇستەسنا — باشقا مەسجىدلەردە ئوقۇلغان مىڭ نامازدىن ئەۋزەلدۇر. مەسجىدى ھەرەمدە ئوقۇلغان بىر ناماز مېنىڭ مەسجىدىمدە ئوقۇلغان نامازدىن يۈز ھەسسە ئەۋزەلدۇر.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد نەقىل قىلغان، ئىمام ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن؛بۇلۇغۇلمەرام 760) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا مۇنداق دېگەن: «ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ دېگەن: كىشىنىڭ مەسجىدى نەبەۋىيگە كېيىن قېتىلىپ مەسجىد قىلىنغان جايدا ئەمەس، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئوقۇغان ئەسلىدىكى مەسجىدنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ناماز ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇشى لازىم.» ئىمام نەۋەۋى «ھەرەم مەسجىدى» نىڭ مەككىدىكى ھەرەم چېگىرىسىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەسجىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (فتح الباري شرح صحيح البخاري 3\80؛ قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى)
ئەللامە سالىھ فەۋزان مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: مەككىدىكى ھەرەم چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان بارلىق مەسجىدلەردە ئوقۇلغان بىر ۋاخ پەرز نامازنىڭ ساۋابى، ھەرەمدىن باشقا جايدىكى مەسجىدلەردە ئوقۇلغان يۈز مىڭ نامازنىڭ ئەجرىگە تەڭداشتۇر. بىر نامازغا يۈز مىڭ ئەجر بېرىلىشى يالغۇز ھەرەم مەسجىدىگىلا خاس ئەمەس. لېكىن، كىشىنىڭ مەسجىدى ھەرەمدە كەبىگە يېقىن تۇرۇپ، ياكى كەبىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئوقۇغان نامىزى تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. ساۋابنىڭ (يۈز مىڭگە) ھەسسىلىنىشى ھەرەم چېگرىسى ئىچىدىكى بارلىق مەسجىدلەرگە ئومۇمىيدۇر. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭرىدۇر. [هل اجر الصلاة في مساجد مكة تعادل الصلاة في الحرم؟ | للشيخ الفوزان] | ئىمام ئىبنى بازمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەبىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئوقۇلغانلىقى، جامائەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولغانلىقى يۈزىسىدىن ھەرەم مەسجىدىدە ئوقۇلغان ناماز تېخىمۇ ئەۋزەل دېگەن. | مۇجتەھىد تورى mujtehid.com
ئابدۇللاھ ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ((سَأَلْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَيُّمَا أَفْضَلُ؟ الصَّلَاةُ فِي بَيْتِي أَوِ الصَّلَاةُ فِي الْمَسْجِدِ؟ قَالَ: «أَلَا تَرَى إِلَى بَيْتِي مَا أَقْرَبَهُ مِنَ الْمَسْجِدِ فَلَأَنْ أُصَلِّيَ فِي بَيْتِي أَحَبُّ إِلَيَّ مِنْ أَنْ أُصَلِّيَ فِي الْمَسْجِدِ، إِلَّا أَنْ تَكُونَ صَلَاةً مَكْتُوبَةً)) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «(نەپلە) نامازنى ئۆيۈمدە ئوقۇشۇم ئەۋزەلمۇ ياكى مەسجىدتە ئوقۇشۇم ئەۋزەلمۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «ئۆيۈمگە قارىغىنكى، مەسجىدكە نەقەدەر يېقىنكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، پەرز نامازدىن باشقا نامازنى ئۆيۈمدە ئوقۇشۇم ماڭا مەسجىدتە ئوقۇشۇمدىن سۆيۈملۈكراقتۇر.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ [حكم الالبانى] : صحيح، الإرواء (2 / 190)، التعليق الرغيب (1 / 159) ، صحيح الترغيب والترهيب (439) ، صحيح أبي داود (205) ، مختصرالشمائل (251)) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
صَلُّوا أيُّها النّاسُ فِي بُيُوتِكُمْ، فَإنَّ أفْضَلَ صَلاةِ المَرْءِ فِي بَيْتِهِ إلّا الصَّلاةَ المَكْتُوبَةَ
«ئىي ئىنسانلار! ئۆيۈڭلاردا (نەپلە) ناماز ئوقۇڭلار. چۈنكى، پەرز نامازنىڭ سىرتىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك ناماز — كىشىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 689؛ مۇسلىم 1301؛ رىيازۇس سالىھىن 1129؛؛ نەسائىي-سۇنەن كۇبرا 2\112؛ بەيھەقى: معرفة السنن والآثار ٤/٣٦) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى