ھەدىس | گۈزەل ئەخلاقلىق كىشى يېتىدىغان يۈكسەك دەرىجە

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ الرَّجُلَ لَيُدْرِكُ بِحُسْنِ خُلُقِهِ دَرَجَات قَائِمِ اللَّيْلِ صَائِمِ النَّهَارِ)) «كىشى گۈزەل خۇلقى ئارقىلىق كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتىدىغان (ئابىد) كىشىنىڭ دەرىجىسىگە ئۇلىشىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ مستدرك الحاكم ١٩٩،  صحيح الجامع الصغير ١٦٢٠؛ ئىمام ھاكىم: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن) ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندا ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان.

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ شَيْءٍ أَثْقَل فِي الْمِيزَان مِنْ حُسْنِ الْخُلُقِ)) «مىزاندا گۈزەل خۇلقتىنمۇ بەك ئېغىر ئولتۇرىدىغان ئەمەل يوقتۇر.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛  أبو داود ٤٧٩٩، باب في حسن الخلق، تعليق الألباني «صحيح»)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الرَّاحِمُونَ يَرْحَمُهُمْ الرَّحْمَنُ، ارْحَمُوا أَهْلَ الأَرْضِ، يَرْحَمْكم مَنْ فِي السَّمَاءِ)) «كۆڭلى يۇمشاق، رەھىم-شەپقەتلىك كىشىلەرگە رەھمان تائالا رەھمەت قىلىدۇ. زېمىندىكىلەرگە رەھىم-شەپقەتلىك بولۇڭلار، ئاسماندىكى زات سىلەرگە رەھمەت قىلىدۇ.» (سەھىھ ھەدىس؛ أَبو داود (٤٩٤١) باب في الرحمة، تعليق الألباني «صحيح»)

ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرۈكى بار بولۇپ، بۇ تۆت خىسلەتتىن باشقىسىنىڭ گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرۈكى بولالمايدۇ، ئۇلار — سەبىر، ئىپپەت، جاسارەت ۋە ئادالەتتۇر. (ئىبنى قەييىم ئەسەرلىرىدىن جەۋھەرلەر، 1\523)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ