ئەقىقە توغرىسىدا تۆت ھەدىس

ئەقىيقە توغرىسىدا تۆت ھەدىس

قوشۇمچە ماۋزۇ: ئەقىيقە توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

وعن سلمان بن عامر رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم قال مع الغلام عقيقة ، فأهريقوا عنه دماً ، وأميطوا عنه الأذى.

سالمان ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەقىقىسى قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلغان بالىغا ئەقىيقە قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن ئەزىيەتنى يوق قىلىڭلار (يەنى چېچىنى چۈشۈرۈڭلار.)» hedisim.com

بۇخارى 5154

عن أم كرز أنها سألت رسول الله صلى الله عليه وسلم عن العقيقة فقال: عن الغلام شاتان ، وعن الأنثى واحدة ، لا يضركم ذكراناً أم إناثاً

ئۇممۇ كەرەز رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھتىن ئەقىيقە توغرىلىق سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل پەرزەنتكە ئىككى قوي، قىز پەرزەنتكە بىر قوي ئەقىيقە قىلىنىدۇ. ئەقىيقە قىلىنغان مالنىڭ ئەركەك ياكى چىشىلىقى سىلەرنىڭ قىلغان ئەقىيقەڭلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.» hedisim.com

تىرمىزى 1516؛ نەسائىي 4217؛ ئەلبانىي «إرواء الغليل» دە سەھىھ دېگەن

عن بريدة رضي الله عنه قال كنا في الجاهلية إذا ولد لأحدنا غلام ذبح شاة ولطخ رأسـه بدمهـا ، فلما جاء الله بالإسـلام كنا نذبح شاة ونحلق رأسه ونلطخه بزعفران

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: «جاھىلىيەت زامانىدا پەرزەنتى تۇغۇلغان كىشى بىر قوي بوغۇزلايتتى، قوينىڭ قېنىنى بالىنىڭ بېشىغا سۈركەپ قوياتتى. ئىسلام كەلگەندە تۇغۇلغان پەرزەنت ئۈچۈن قوي سويىدىغان، ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرىدىغان ۋە بېشىغا زەئفىران سۈركەيدىغان بولدۇق.» hedisim.com

ئەبۇ داۋۇد 2843؛ ئەلبانى «سەھىھى ئەبۇ داۋۇد» تا سەھىھ دېگەن

عَنْ سَمُرَةَ بْنِ جُنْدُبٍ، أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم قَالَ » كُلُّ غُلاَمٍ رَهِينَةٌ بِعَقِيقَتِهِ تُذْبَحُ عَنْهُ يَوْمَ سَابِعِهِ وَيُحْلَقُ وَيُسَمَّى

سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بالا ئەقىيقىسىگە رەنىدۇر. بالىنىڭ ئەقىيقىسى بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى قىلىنىدۇ، بېشى چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىسىم قويۇلىدۇ.» hedisim.com

ئەبۇ داۋۇد 2838؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالار ئەقىيقە قىلغاندا بالىنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈشنىڭ مۇستەھەپلىكىنى ئېيتقان.

– تحفة المودود لابن القيم (67)

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ