سەھىھۇل بۇخارى | جەننەتتە يەر تېرىماقچى بولغان كىشى ھەققىدىكى ھەدىس

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، أَنَّ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم كَانَ يَوْمًا يُحَدِّثُ وَعِنْدَهُ رَجُلٌ مِنْ أَهْلِ الْبَادِيَةِ  أَنَّ رَجُلاً مِنْ أَهْلِ الْجَنَّةِ اسْتَأْذَنَ رَبَّهُ فِي الزَّرْعِ فَقَالَ أَوَ لَسْتَ فِيمَا شِئْتَ. قَالَ بَلَى وَلَكِنِّي أُحِبُّ أَنْ أَزْرَعَ. فَأَسْرَعَ وَبَذَرَ فَتَبَادَرَ الطَّرْفَ نَبَاتُهُ وَاسْتِوَاؤُهُ وَاسْتِحْصَادُهُ وَتَكْوِيرُهُ أَمْثَالَ الْجِبَالِ فَيَقُولُ اللَّهُ تَعَالَى دُونَكَ يَا ابْنَ آدَمَ فَإِنَّهُ لاَ يُشْبِعُكَ شَىْءٌ  فَقَالَ الأَعْرَابِيُّ يَا رَسُولَ اللَّهِ لاَ تَجِدُ هَذَا إِلاَّ قُرَشِيًّا أَوْ أَنْصَارِيًّا فَإِنَّهُمْ أَصْحَابُ زَرْعٍ، فَأَمَّا نَحْنُ فَلَسْنَا بِأَصْحَابِ زَرْعٍ. فَضَحِكَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىركۈنى كىشىلەرگە سۆز قىلىپ بېرىۋاتاتتى، سورۇندا چۆلدە ياشايدىغان كىشىمۇ بار ئىدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى (جەننەتتە) رەببىدىن يەر تېرىش ھەققىدە رۇخسەت سورايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن <سەن (جەننەتتە) ئارزۇ قىلغانلىرىڭغا ئېرىشمىدىڭمۇ؟> دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى <ئەلۋەتتە ئېرىشتىم، ئەمما مەن زىرائەتنى ياخشى كۆرەتتىم> دەيدۇ. (ئاللاھ ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىدۇ.) شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى چاققان تۇرىدۇ، ئۇرۇق چاچىدۇ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ئىچىدە چېچىلغان ئۇرۇق بىخ سۈرۈشكە باشلايدۇ، تېزدىن ئۆسۈپ، ھوسۇل ئېلىش ھالىتىگە يېتىدۇ،  ئاقىۋەتتە تاغدەك مول – ھوسۇل توپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا «ئال مانا ئى ئادەم بالىسى! سېنى ھېچنەرسە تويغۇزالمايدۇ» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ بايانىدىن كېيىن ھېلىقى ئەئرابىي «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ كىشى چوقۇم قۇرەيشتىن ياكى ئەنساردىن بىر كىشى ئىكەن، چۈنكى ئۇلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمما، بىز دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانمايمىز» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۈلۈپ كەتتى. hedisim.com

— بۇخارى 5653

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ