بۇ ئەسلىدە ئادەمگەرچىلىك توغرىسىدىكى ھەدىس

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

لا يَبْلُغُ عَبْدٌ حَقِيقَةَ الإِيمَانِ حَتَّى يُحِبَّ لِلنَّاسِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ مِنَ الْخَيْرِ

«بەندە ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ياخشىلىقنى باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىماننىڭ ھەقىقىتىگە نائىل بولالمايدۇ.» hedisim.com

— سەھىھ ئىبنى ھىببان 235؛ شۇئەيب ئەرنائۇت سەھىھ دېگەن

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خىزمەتچىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

لاَ يُؤمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لأَخِيْهِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ

«سىلەردىن ھېچكىم ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى دىنىي قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» hedisim.com

— بۇخارى 13، مۇسلىم 45

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ