ھەدىس | كىملەر ھەممىدىن بەك بالا -مۇسىبەتكە ئۇچرايدۇ؟

روى الترمذي (2398) وصححه ، وابن ماجة (4023) عَنْ مُصْعَبِ بْنِ سَعْدٍ، عَنْ أَبِيهِ، قَالَ: » قُلْتُ : يَا رَسُولَ اللَّهِ ، أَيُّ النَّاسِ أَشَدُّ بَلَاءً ؟ ، قَالَ: ( الأَنْبِيَاءُ ثُمَّ الأَمْثَلُ فَالأَمْثَلُ ، فَيُبْتَلَى الرَّجُلُ عَلَى حَسَبِ دِينِهِ ، فَإِنْ كَانَ دِينُهُ صُلْبًا اشْتَدَّ بَلَاؤُهُ ، وَإِنْ كَانَ فِي دِينِهِ رِقَّةٌ ابْتُلِيَ عَلَى حَسَبِ دِينِهِ ، فَمَا يَبْرَحُ البَلَاءُ بِالعَبْدِ حَتَّى يَتْرُكَهُ يَمْشِي عَلَى الأَرْضِ مَا عَلَيْهِ خَطِيئَةٌ ) وصححه الألباني في «صحيح الترمذي» .

ئەبۇ مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:

مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قانداق كىشىلەر ئەڭ ئېغىر بالا – مۇسىبەتكە دۇچار بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:

«(ئەڭ ئېغىر بالا – مۇسىبەتكە دۇچار بولىدىغانلار) پەيغەمبەرلەردۇر. ئاندىن (ئىمان ۋە تەقۋا جەھەتتە) پەيغەمبەرلەرگە يېقىن بولغانلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغانلاردۇر. ھەر كىم ئۆز دىنىغا يارىشا بالا – مۇسىبەتكە دۇچار بولىدۇ. ئەگەر دىنى ساغلام بولسا، مۇسىبىتى ئېغىر بولىدۇ. ئەگەر دىنى ئاجىز بولسا، دىنىغا يارىشا مۇسىبەتكە ئۇچرايدۇ. بالا – مۇسىبەت مۆمىن بەندىدىن نېرى بولمايدۇ، (بالا – مۇسىبەت مۆمىن بەندىگە كېلىۋېرىپ،) ئاقىۋەتتە ئۇ ئۈستىدە بىرەر گۇناھ قالمىغان ھالدا زېمىندا مېڭىپ يۈرىدۇ.» hedisim.com | تىرمىزى 2398؛  ئىبنى ماجە 4023؛ تىرمىزى ۋە ئەلبانى سەھىھ دېگەن | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ