پەرز نامازلارنى مەسجىدتە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەر

پەرز نامازلارنى مەسجىدتە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەر
ھەدىس خەزىنىسى تورى | hedisim.com
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مەن سىلەرگە ئاللاھ خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان، دەرىجەڭلارنى كۆتۈرىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «ئېغىرچىلىقلاردىن قەتئىينەزەر تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسجىدكە كۆپ بېرىش ۋە بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازنى ساقلاش. مانا بۇلار رىباتتا تۇرۇشقا ئوخشاشتۇر.» hedisim.com 
— مۇسلىم 251
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ تَطَهَّرَ فِي بَيْتِهِ ثُمَّ مَشَى إِلَى بَيْتٍ مِنْ بُيُوتِ اللَّهِ لِيَقْضِيَ فَرِيضَةً مِنْ فَرَائِضِ اللَّهِ كَانَتْ خَطْوَتَاهُ إِحْدَاهُمَا تَحُطُّ خَطِيئَةً وَالأُخْرَى تَرْفَعُ دَرَجَةً)) «كىمكى تاھارەتنى ئۆيىدە ئېلىپ، ئاندىن ئاللاھ پەرز قىلغان پەرز نامازلاردىن بىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدىن بىرىگە ماڭسا، ئۇنىڭ باسقان ئىككى قەدىمىدىن بىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىر گۇناھى ئۆچۈرۈلىدۇ، يەنە بىر قەدىمى سەۋەبلىك دەرىجىسى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.» hedisim.com
— مۇسلىم 666
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى (ساۋاب ۋە پەزىلەت جەھەتتە) ئۆيىدە ياكى دۇككىنىدا ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئۈستۈن. ئەگەر كىشى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، ئاندىن پەقەت ناماز ئوقۇشنى كۆزلەپ مەسجىدە كەلسە، ئۇنى ئۆيىدىن پەقەتلا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش نىيىتى چىقارغان بولسا، (بۇ خىل كىشىنىڭ) مەسجىتكە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا باسقان ھەر بىر قەدىمى سەۋەبلىك مەرتىۋىسى بىر دەرىجە كۆتۈرۈلۈپ، بىر گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ. مەسجىدكە كىرگەندىن كېيىن ناماز ئوقۇش نىيىتى بىلەن (نامازنى ساقلاپ) ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە ناماز ئوقۇغاندەك (ساۋابقا نائىل) بولىدۇ. سىلەردىن بىرىڭلار ناماز ئوقۇغان يېرىدە بولغان، ھېچكىمگە ئازار بەرمىگەن ۋە تاھارىتى بۇزمىغانلىكى مۇددەتتە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا <ئى رەببىم، بۇ بەندەڭگە رەھمەت قىلغىن؛ ئى رەببىم، بۇ بەندەڭنى مەغفىرەت قىلغىن؛ ئى رەببىم، بۇ بەندەڭنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغىن> دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.» hedisim.com
— بۇخارى 647؛ مۇسلىم 649
ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئەتىگەن ياكى ئاخشامدا مەسجىدكە بارسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ مەسجىدكە ھەر بېرىشى ئۈچۈن جەننەتتە بىر زىياپەت ھازىرلايدۇ.» hedisim.com 
— بۇخارى 622؛ مۇسلىم 1073
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صلاةُ الجماعةِ أفضلُ من صلاةِ الفذِّ بسبعٍ وعشرين درجةً)) «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن 27 ھەسسە ئۈستۈندۇر.» hedisim.com (بۇخارى 645؛ مۇسلىم 650)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى ئاللاھ بىلەن مۇسۇلمان ھالەتتە ئۇچرىشىشنى ئارزۇلايدىغان كىشى (پەرز) نامازلىرىنى ئەزان ئوقۇلىدىغان يەردە (يەنى مەسجىدتە) ئوقۇشتا چىڭ تۇرسۇن. شەكسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبىرىڭلارغا ھىدايەت يوللىرىنى بەلگىلەپ بەردى. ئەنە شۇ نامازلارمۇ ھىدايەت يوللىرىدىندۇر. ئەگەر سىلەر نامازلىرىڭلارنى — جامائەتنى تەرك ئېتىپ ئۆيىدە ناماز ئوقۇيدىغانلاردەك — ئۆيۈڭلاردا ئوقۇساڭلار، پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتكەن بولىسىلەر. ئەگەر پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتسەڭلار چوقۇمكى ئېزىپ كېتىسىلەر. شەكسىزكى مەن بىزنىڭ دەۋرىمىزدە جامائەت نامىزىغا پەقەت مۇناپىقلىقى ئوچۇق بىلىنگەن مۇناپىقلارنىڭلا كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرەتتىم. ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەر بولاتتىكى، ئىككى كىشى تەرىپىدىن يۆلەپ ئېلىپ كېلىنىپ سەپتە تۇرغۇزۇلۇپ قوياتتى. hedisim.com (مۇسلىم 1045)
ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: شەكسىزكى، رەسۇلۇللاھ بىزگە ھىدايەت يوللىرىنى ئۆگەتكەن ئىدى. پەرز نامازلارنى ئەزان ئوقۇلىدىغان مەسجىدلەردە ئوقۇشمۇ ئەنە شۇ ھىدايەت يوللىرىدىن ئىدى.
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
بۇ ساۋابلارغا نائىل بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل كىشىنىڭ ئۆيىدىن (ياكى ئىش ئورنىدىن) مەسجىدتە پەرز ناماز ئوقۇش ئۈچۈن چىقىشىدۇر. ئۆيىدىن ياكى ئىش ئورنىدىن مەسجىدتە ناماز ئوقۇش نىيىتى بىلەن چىقمىسا، ئىشقا بېرىش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ، ئەزان ئوقۇلغاندا مەسجىدكە كىرىپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇسا بۇ ساۋابقا نائىل بولالمايدۇ. (پەقەت جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغىلا نائىل بولىدۇ.) (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
— قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ