سۈرە نىسا 159 | «بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئىمام تەبەرى، ئىمام سەئدى

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا﴾

﴿ئى ئۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ھەم. ئەگەر سىلەر بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، [ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمى ئۈچۈن] ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە) مۇراجىئەت قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.﴾ — نىسا سۈرىسى، 159 – ئايەت

تەپسىرشۇناسلارنىڭ ئەمىرى ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:

مەشھۇر تابىئىن ئالىم ئاتا (رەھىمەھۇللاھ) ئاللاھ تائالانىڭ: «أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ» «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

«رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش — ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشتۇر.» (تفسير الطبري)

ئەتا يەنە مۇنداق دېگەن «ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش» ئايىتىدىكى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش — كىتابقا ۋە سۈننەتكە ئەگىشىشنى كۆرسىتىدۇ. (تفسير الطبري)

ئىمام تەبەرى يەنە مۇنداق دېگەن:

«بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنىڭ توغرىسى شۇكى: بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇ بۇيرۇغان ۋە مەنئى قىلغان ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بولسا ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان بىر بۇيرۇقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش بۇيرۇقىنى ئومۇمىي يوسۇندا بەردى، ئۇنى مەلۇم بىر ھالەتكە خاس قىلىپ، باشقا بىر ھالەتنى چىقىرىۋەتمىدى. شۇڭلاشقا، بۇ بۇيرۇق تاكى ئۇنى مەلۇم بىر ھالەتكە خاس قىلىدىغان (يەنى بىر قىسمىنىلا چەكلەيدىغان) قەتئىي بىر دەلىل چىقمىغىچە، ئۆز پېتى ئومۇمىي ھالەتتە تۇرىدۇ.»

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئىش ئىگىلىرى» — ئەمىرلەردۇر (مۇسۇلمان خەلىپە، خان – پادىشاھ، قوماندانلاردۇر)، دېگەن. مەشھۇر تابىئىن ئالىم مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ «وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ» «ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «فىقھ ساھىبلىرىغا \ يەنى فەقىھ ئالىملارغا ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەنلىكتۇر. مۇجاھىدنىڭ ئۇستازى، بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس بولسا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت «ئاراڭلاردىكى فىقھ ۋە دىن ساھىبلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەنلىكتۇر. ھەسەن بەسرى بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ «ئۇلار ئىسلام ئۆلىمالىرىدۇر» دېگەن. ئەبۇل ئالىيە «ئۇلار ئەھلى ئىلىم (ئۆلىمالاردۇر» دېگەن. مۇجاھىد بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتىكى «ئىش ئىگىلىرى» — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىردۇر. ئىكرىمە «ئۇلار ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەردۇر» دېگەن. (تفسير الطبري) ئۆلىمالار «ئىش ئىگىلىرى» دېگەن ئايەتتىن مەقسەدنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ خان – پادىشاھلىرى ۋە مۇجتەھىد ئۆلىمالىرى ئىكەنلىكىدە ھەمپىكىر.

ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن:

ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى بۇيرۇغان. جامائەت (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئەھلى ئىلىملەردۇر. (سەھىھۇل بۇخارى-قۇرئان سۈننەتكە ئېسىلىش كىتابى-19-بابنىڭ ماۋزۇسى)

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىگە ۋە ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىشقا، يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ۋاجىپ ۋە مۇستەھەب بولغان بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداشقا ۋە توسقانلىرىدىن يېنىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئىش ئۈستىدىكىلەر»گە، يەنى كىشىلەرنى باشقۇرىدىغان ئەمىرلەر، قازىلار ۋە مۇپتىلارغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇدى. چۈنكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىشلىرى پەقەت ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش بىلەنلا رەتلىك، تەرتىپلىك بولىدۇ. بۇ ئىتائەت ئاللاھقا بولغان بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتلارغا بولغان رىغەبەت يۈزىسىدىن بولۇشى كېرەك. لېكىن، ھۆكۈمدارلارغا، قازى – مۇپتىلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ شەرتى — ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇماسلىقىدۇر. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇسا، ئۇ چاغدا ياراتقۇچىغا (يەنى ئاللاھقا) ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردا يارىتىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىنمايدۇ. ئايەتتە ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى بۇيرۇغاندا «ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنىپ، «ئىش ئۈستىدىكىلەر»گە كەلگەندە بۇ سۆزنىڭ تەكرارلانماسلىقىنىڭ سىرى بەلكىم مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر پەقەت ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگىلا بۇيرۇيدۇ. كىم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ شەرتى، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىققا باشلايدىغان بۇيرۇق بولماسلىقىدۇر.

ئاندىن ئاللاھ كىشىلەر ئارىسىدا دىننىڭ ئاساسلىرى ياكى تارماقلىرى ھەققىدە كۆرۈلگەن بارلىق ئىختىلاپلارنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا قايتۇرۇشقا بۇيرۇدى. يەنى (ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە) ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش پەرز. چۈنكى بارلىق ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى مەيلى ئوچۇق-ئاشكارە تېكىستلەر بىلەن بولسۇن، ياكى ئومۇمىي قائىدىلەر، ئىشارەتلەر، ئاگاھلاندۇرۇشلار، مەزمۇننىڭ تەقەززاسى ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلىلەرگە قىياس قىلىنىدىغان ئومۇمىي مەنالار بىلەن بولسۇن، جەزمەن مۇشۇ ئىككى مەنبەدە مەۋجۇتتۇر. دىن ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئەلچىسىنىڭ سۈننىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى مەنبەگە ئىمان ئېيتماستىن (ئىختىلاپنى بۇ ئىككى مەنبەنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرماستىن،) ئىماننىڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

بارلىق مەسىلىلەرنى بۇ ئىككى مەنبەگە قايتۇرۇش ئىماننىڭ شەرتىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ: ﴿إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ.﴾ ﴿ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار (مۇشۇنداق قىلىڭلار)﴾ دېدى. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىمكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى بۇ ئىككى مەنبەگە قايتۇرمىسا، ئۇ كىشى ھەقىقىي مۆمىن ئەمەس. بۇنداق كىشى — كېيىنكى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك — تاغۇتقا ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇر. بارلىق ئىشلارنى ئاللاھقا ۋە ئەلچىسىگە قايتۇرۇش: ﴿ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا﴾ ﴿بۇ (سىلەر ئۈچۈن) ئەڭ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجىسى (ئاقىۋىتى) ئەڭ گۈزەلدۇر.﴾ چۈنكى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئادىل ھۆكۈمدۇر. شۇنداقلا ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمى كىشىلەرنىڭ دىنىي، دۇنياۋى ئىشلىرى ۋە ئاقىۋىتى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ھۆكۈمدۇر. (تفسير السعدي)

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: 

بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز.  hedisim.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)


— قۇدرەت بارات تەييارلىغان

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ