سۈرە ئەنفالنىڭ 53-ئايىتىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى

سۈرە ئەنفالنىڭ 53-ئايىتىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

{ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ لَمْ يَكُ مُغَيِّرًا نِّعْمَةً أَنْعَمَهَا عَلَىٰ قَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنفُسِهِمْ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}

{بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر قەۋم ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلاغا ئاتا قىلغان نېمىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (جىمىي سۆزلەرنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئاشكارە-يوشۇرۇن بارچە ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.} — سۈرە ئەنفال، 53-ئايەت

قىسقىچە تەپسىرى:

«بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى» — يەنى، (كىشىلەرنىڭ ياكى قەۋملەرنىڭ بېشىغا كەلگەن) بۇ يامان جازانىڭ[1]، ئۆزلىرى ئىگە بولغان نېمەتلەرنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى.[2]

«بىر قەۋم ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە» — يەنى، بىر قەۋم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەكسىچە، (ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قەتئىي) ئىتائەتنى تاشلاپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە مېڭىش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە گۇناھ-مەسئىيەتلىرى ئارقىلىق تۇزكورلۇق قىلمىغۇچە.[3]

«ئاللاھ ئۇلاغا ئاتا قىلغان نېمىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» — يەنى، ھەر قانداق بىر قەۋم ئاللاھ ئاتا قىلغان دىنىي ۋە دۇنياۋىي نېمەتلەرگە ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىشنى داۋام قىلغانلىكى تەقدىردە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى تاكى ئۇلار نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش يولىنى تۇتقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر قەۋم ياكى بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نىمەتلىرىگە (تائەت ئىبادەت ئارقىلىق، دۇرۇست ۋە سالىھ ئىنسان بولۇشقا تېخىمۇ كۈچەش ئارقىلىق) شۈكۈر قىلىشنى ئاشۇرسا، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، ئۆزىدە بار بولغان ياخشى ھالنى ناچار ھالغا ئۆزگەرتسە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەتلىرىنى تارتىۋالىدۇ.[4]

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىشى ئىگە بولغان نىمەت ئۇ قىلغان گۇناھلار سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنىدۇ.[5]

سەلەپنىڭ مەشھۇر مۇپەسسىرلىرىدىن سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (بۇ ئايەتتىكى ئاللاھ تىلغا ئالغان نېئمەت) رەسۇلۇللاھ سەلللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىدى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى قۇرەيشكە ۋە مەككە خەلقىگە نېمەت قىلىپ ئەۋەتتى. ھالبۇكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنى يالغانغا چىقاردى، رەسۇلۇللاھنى ئىنكار قىلدى. ئاقىۋەتتە ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئەنسارلارنىڭ يېنىغا (مەدىنىگە) يۆتكىۋەتتى.[6]

مەشھۇر تەپسىرشۇناس، مۇھەددىس، فەقىھ مۇھەممەد ئەمىين شىنقىتىي (ۋاپاتى: 1393) رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:

ئاللاھ بۇ ئايەتتە ھەر قانداق بىر كىشىگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ئۇ كىشى قىلغان گۇناھى سەۋەبلىك ئۇ كىشىدىن يۆتكىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى مۇشۇ ھەقتە كەلگەن باشقا ئايەتلەر تېخىمۇ ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

ئاللاھ مۇنداق دېگەن: {إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ وَإِذَا أَرَادَ اللَّهُ بِقَوْمٍ سُوءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُ وَمَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَالٍ}{شۈبىھسزكى، بىر قەۋم ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ (يولدىن چىقىپ، يامانلىقلارغا يۈزلەنگەن) بىر قەۋمنى (قىلمىشى سەۋەبلىك) جازالاشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ جازاسىنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ.} (سۈرە رەئد، 11-ئايەت)

ئاللاھ مۇنداق دېگەن: {وَمَا أَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ} {سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت ئۆزۈڭلار قىلغان گۇناھ، يامانلىقلار سەۋەبلىكتۇر. ئاللاھ (سىلەرگە ھەممىلا گۇناھىڭلار ئۈچۈن مۇسىبەت-جازا ئەۋەتىۋەرمەستىن، تېخى) نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ. (ئەگەر نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلماي، قىلغان ھەممە گۇناھىڭلار ئۈچۈن شۇنىڭ باراۋىرىدە بالا-مۇسىبەت ئەۋەتىۋېرىدىغان بولسا، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ھەددى-ھېسابى بولمىغان بولاتتى.}}(سۈرە شۇرا، 30-ئايەت)[7]

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئىمام ماۋەردى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 450) ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:

ئايەتنىڭ مەنىسى بەش جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) مۇسۇلمانلار ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىنى ۋە ئاللاھقا بولغان تەۋەككۇلىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىش نېمىتىدىن مەھرۇم قىلمايدۇ.

(2) مۇسۇلمانلار (ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىنى دەپسەندە قىلىشتىن ساقلىنىپ) تۈرلۈك گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرۇش يولىنى تۇتقانلىكى مۇددەتتە، ئاللاھ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقىدىن ئۇزاق تۇتۇش نېمىتىدىن مەھرۇم قىلمايدۇ.

(3) مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ (ۋە رەسۇلىنىڭ) ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى (ئادا قىلىشتىن يېنىپ، بۇ جەھەتتە ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا بولغان ئىتائىتىنى) ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارغا ئاتا قىلغان بايلىق ۋە مولچىلىق نېمىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

(4) مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدىكى ئىيماننى (كۇفرىغا) ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىغا ۋە ئەمەللىرىگە مۇكاپات بېرىش نېمىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

(5) مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا دائىما بويۇن ئېگىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەنلىكى (يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىشتىن چىقىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلىش يولىغا ئۆتمىگەنلىكى) تەقدىردە، ئاللاھ ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا (ۋە غەلىبە-نۇسىرەت يولىغا) باشلاش نېمىتىدىن ئۇلارنى مەھرۇم قىلمايدۇ.[8]

تەپسىرشۇناس ئالىملاردىن ئېلىنغان نەقىللەر مۇشۇ يەردە تۈگىدى. ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئېيتقىنىدەك، ھەر خىل تەپسىرشۇناسلارنىڭ بىر ئايەتنى ھەر خىل تەپسىرلىشى — شۇ ئايەتلەرنى چۈشىنىشىدىكى زىتلىق سەۋەبىدىن ئەمەس، ھالبۇكى ئۇ ئايەتنى ھەر خىل نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈش، ئايەتنىڭ مەنىسىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىقلاشتۇرۇپ بېرىش، كونكېرتلاشتۇرۇپ بېرىش، تەپسىرلىنىۋاتقان ئايەتنى مۇسۇلمانلارغا چۈشىنىشلىكلەشتۈرۈپ بېرىش تىرىشچانلىقى يۈزىسىدىندۇر. ئاللاھ ئەھلى سۈننەتنىڭ بارچە ئالىملىرىغا رەھمەت قىلسۇن.

— قۇدرەت بارات تەييارلىدى

نەقىل مەنبەلىرى:

1-تفسير الميسر

2-تفسير السعدي ١/٣٢٤

3-تفسير السعدي

4-تفسير السعدي

5-تفسير ابن كثير

6-مختصر تفسير البغوي المسمى بمعالم التنزيل ٣/٣٥٨

7- أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن ٢/١٠٤

8-تفسير الماوردي (النكت والعيون) ٢/٣٢٧

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ