راشىد خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ناخشا – مۇزىكىنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى

 تابىئىن خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئوغلىنىڭ ئۇستازىغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يازغان: «ئوغلۇمغا تۇنجى بولۇپ كۆڭۈل ئېچىشتىكى گۇناھلىق ۋاسىتىلەردىن ھېسابلانغان مۇزىكا ۋە ناخشىدىن يىرگىنىشنى ئۆگىتىڭ. مۇزىكا ۋە ناخشا شەيتاندىن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئىشەنچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئوت-چۆپلەر سۇ ئارقىلىق كۆكلىگىنىدەك، نىفاق چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە مۇزىكا ئارقىلىق كۆكلەيدۇ، دېگەن قاراشتا بولغانلىقى ماڭا يەتتى. ناخشا قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە قەلبنى ئاللاھنىڭ يولىدىن بۇرىۋېتىدۇ. ئۆلگەن قەلب مۇناپىقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.» hedisim.com (ئەللامە ئىبنى بازنىڭ «قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى دەلىللەر ئاساسىدا ناخشا ۋە مۇزىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش» ناملىق رىسالىسىدىن) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

 ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قۇرئان بىلەن ناخشا بىر قەلبتە جەم بولمايدۇ. چۈنكى، ئىككىسى بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى ھالەتتىدۇر.» hedisim.com (اغاثة الهفان ١\٢٤٨) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى * ناخشا – مۇزىكىغا مايىل قەلىبتە قۇرئانمۇ بار دېگەندىمۇ، پەقەت لەۋزىلا بار، ئەمما مەنىسى ۋە قۇرئانغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىش ئىستىكى بۇنداق قەلبتە ئەسلا بولمايدۇ. 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ