ئىمانىدا راستچىل مۆمىننى ئاللاھ مانا مۇنداق قۇتقۇزىدۇ

ئىسھاق ئىبنى سۇۋەيد رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ: (چوڭ تابىئىنلاردىن) مۇسلىم ئىبنى يەسار بىلەن بىرلىكتە مەككىگە (ھەج ئۈچۈن) ماڭدۇق. بۇ جەرياندا ئۇنىڭدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ ئاڭلىمىدۇق. تاكى زاتى ئىرق دېگەن جايغا كەلگەندە مۇسلىم ئىبنى يەسار ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دېدى: ماڭا مۇنۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەن ئىدى. قىيامەت كۈنى بەندە ئېلىپ كېلىنىپ رەببىنىڭ ھوزۇرىدا تۇرغۇزىلىدۇ. ئاللاھ (پەرىشتىلەرگە) «ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە قاراڭلار» دەپ بۇيرۇيدۇ. ھالبۇكى، (پەرىشتىلەر) ئۇنىڭ بىر ياخشىلىقىنىمۇ تاپالمايدۇ. ئاندىن ئاللاھ «ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرىگە قاراڭلار» دەيدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان يامان ئەمەللىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ بەندە دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇ دوزاخقا ئېلىپ مېڭىلغاندا ئاللاھ «ئۇنى مەن تەرەپكە قارىتىڭلار» دەيدۇ. بۇ چاغدا بۇ بەندە «ئىي رەببىم! مەن بۇ كۈنگە قېلىشنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىم» دەيدۇ. ئاللاھ «راست ئېيتتىڭ» دەيدۇ ۋە ئۇنى جەننەتكە ھۆكۈم قىلىدۇ. hedisim.com (الزهد لأحمد بن حنبل 1397) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ