ھەدىس | قىيامەت كۈنى ۋەيران بولغۇچى كىم؟

((وعن أبي هريرة رضي الله عنه، أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: ( أتدرون ما المفلس ؟ قالوا: المفلس فينا من لا درهم له ولا متاع . فقال إن المفلس من أمتي من يأتي يوم القيامة بصلاة وصيام وزكاة، ويأتي وقد شتم هذا، وقذف هذا وأكل مال هذا، وسفك دم هذا، وضرب هذا، فيعطى هذا من حسناته، وهذا من حسناته، فإن فنيت حسناته قبل أن يقضي ما عليه، أخذ من خطاياهم فطرحت عليه، ثم طرح في النار رواه مسلم))

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ  ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ساھابىلەردىن): «مۇفلىسنىڭ (ۋەيران بولغۇچىنىڭ) كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر: «بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇفلىس دېگەن بىرەر دەرھەمى (پۇلى) ياكى مېلى بولمىغان كىشىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقىي مۇفلىس (ۋەيران بولغۇچى) شۇنداق بىر كىشىكى، ئۇ قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكات (ساۋابلىرى) بىلەن كېلىدۇ، ئەمما ئۇ (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت قىلغان، بىرىنىڭ مېلىنى (ناھەق) يېگەن، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭغا، بىر قىسمى بۇنىڭغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى (ساۋابلىق ئەمەللىرى بىلەن) تۆلەپ بولالماي تۇرۇپ ياخشى ئەمەللىرى تۈگەپ كەتسە، ھەقدارلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.» hedisim.com (ئىمام مۇسلىم توپلىغان) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ