ساھابە ئىبنى مەسئۇد | ئەگەر سىلەر بۇيرۇلغان خىسلەتلەردىن بىرەرسىنى تەرك ئەتسەڭلار …

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (لَا تَتْرُكُونَ خَصْلَةً مِمَّا تُؤْمَرُونُ بِهِ إِلَّا أَبْدَلَكُمُ اللَّهُ بِهَا أَشَدَّ عَلَيْكُمْ مِنْهَا) «ئەگەر سىلەر بۇيرۇلغان خىسلەتلەردىن بىرەرسىنى تەرك ئەتسەڭلار، ئاللاھ چوقۇمكى شۇ خىسلەتنىڭ ئورنىغا سىلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ مۇشەققەتلىك بولغىنىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((لَا يَتْرُكُ النَّاسُ شَيْئًا مِنْ دِينِهِمْ إِرَادَةَ اسْتِصْلَاحِ دُنْيَاهُمْ إِلَّا فَتَحَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مَا هُوَ أَضَرُّ عَلَيْهِمْ وَمَا هُوَ شَرٌّ عَلَيْهِمْ مِنْهُ)) «كىشىلەر ئۆز دۇنيالىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن دىنىدىن بىرەر ئىشنى تەرك ئەتسە، ئاللاھ ئۇلارغا چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ زىيانلىقراق، ئۇنىڭدىنمۇ يامانراق بىر ئىشقا دۇچار قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد) ئىبنى مۇبارەك: زۇھد) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

بۇ سۆزنىڭ مەنىسى:

ئىسلامدا ھەر بىر كىشىنىڭ راست سۆزلىشى، راستچىل بولۇشى پەرز. بۇ بۇيرۇلغان خىسلەت. ئەگەر كىشى راستچىللىقنى تاشلىسا، يالغانچىلىق يولىنى تۇتىدۇ. راستچىل بولۇش ئۈچۈن چەككەن جاپاسىدىن، يالغانچىلىق يولىنى تۇتقاندىن كېيىنكى جاپاسى نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. يالغانچى ئادەمنىڭ بەندىلەرنىڭ ئالدىدىمۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ ئىناۋىتى بولمايدۇ. يالغانچى ئادەم ئۇششاق ئىشلاردا ئۇتىدۇ. ئەمما، مۇھىم، جىددىي چاغلاردا ئىشلىرى تەسلىشىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ياخشى خىسلەتنى تەرك ئەتكەن كىشىگە، ئاللاھنىڭ مۇشەققەتلىك ناچار خىسلەتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشىدۇر.

ئادىللىق، ئادالەتلىك بولۇش بۇيرۇلغان خىسلەت. راستچىل بولۇش ئۈچۈن نەپسىي جىھاد قىلىش كېرەك بولغاندەك، ئادىل بولۇش ئۈچۈنمۇ نەپسىي جىھاد لازىم بولىدۇ. راستچىل بولۇش بەك ئاسان ئىش بولمىغىنىدەك، ئادالەتلىك بولۇشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما، كىشى ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرۇغان ئادالەت خىسلىتىنى بەجا كەلتۈرمەي، زۇلۇمغا يانتاياق بولسا، ئۆز تۇغقان، يېقىنلىرىغا يان باسىدىغان، پۇلدار، ھوقۇقدارلار خاتا قىلىۋاتسىمۇ شۇلارغا چاپان ياپىدىغان ئادالەتسىزلىك خىسلىتىنى تۇتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بېشىغىمۇ نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. باشقىلارغا ئادالەتلىك بولمىغىنى ئۈچۈن، دۇنيادا نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەرگە ئۇچرايدۇ. ۋەھاكازا.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ