ھەدىس | ھاجەتخانىغا كىرىدىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((كَانَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم إِذَا دَخَلَ الْخَلاَءَ قَالَ » اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْخُبُثِ وَالْخَبَائِثِ)) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالاغا كىرمەكچى بولسا «ئاللاھۇممە ئىننىي ئەئۇۋزۇ بىكە مىنەل خۇبۇسى ۋەلخەبائىس» (ئى ئاللاھ! مەن ساڭا سېغىنىپ ئەركەك ۋە جىشى شەيتانلاردىن پاناھ تىلەيمەن) دەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 6322؛ مۇسلىم 375؛ ئەبۇ داۋۇد 4؛ تىرمىزى 6؛ ئىبنى ماجە 296؛ سۇنەن نەسائى 19؛ نەسائى: سۇنەن كۇبرا 19؛ سۇنەن دارىمى 669؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 68؛ ئىبنى ھىببان 1407؛  مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 29317؛ مىشكات مەسابىھ 337؛ بۇلۇغۇلمەرام 88) | ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((إِنَّ هَذِهِ الْحُشُوشَ مُحْتَضَرَةٌ فَإِذَا أَتَى أَحَدُكُمُ الْخَلَاءَ فَلْيَقُلْ: أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الْخُبُثِ وَالْخَبَائِثِ)) «ھاجەتخانىلار شەيتانلار ھازىر بولىدىغان (ماكان تۇتىدىغان) جايلاردۇر. سىلەردىن بىرىڭلار ھاجەتخانىغا كەلسە <ئەۇۋزۇ بىللاھى مىنەل خۇبۇسى ۋە خەبائىس> (ئاللاھقا سېغىنىپ ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تىلەيمەن) دېسۇن.» hedisim.com (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 6؛ سۇنەن ئىبنى ماجە 296؛ نەسائى: سۇنەن كۇبرا 9509؛ بۇخارى: ئەدەب ئەلمۇفرەد 692؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 418؛ ئىبنى ھىببان 1406؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 626) | ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ