ھەدىس | كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى پەزىلەت جەھەتتە يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە بەش ھەسسە ئۈستۈندۇر

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ » تَفْضُلُ صَلاَةٌ فِي الْجَمِيعِ عَلَى صَلاَةِ الرَّجُلِ وَحْدَهُ خَمْسًا وَعِشْرِينَ دَرَجَةً » . قَالَ » وَتَجْتَمِعُ مَلاَئِكَةُ اللَّيْلِ وَمَلاَئِكَةُ النَّهَارِ فِي صَلاَةِ الْفَجْرِ » . قَالَ أَبُو هُرَيْرَةَ اقْرَءُوا إِنْ شِئْتُمْ { وَقُرْآنَ الْفَجْرِ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا}

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى پەزىلەت جەھەتتە يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە بەش ھەسسە ئۈستۈندۇر. كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرىشتلىرى بامدات نامىزىدا جەم بولىدۇ.» ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ داۋامەن شۇنداق دېدى: (بۇ ھەدىسكە دەلىل بولىدىغان ئايەت سۈپىتىدە) خالىساڭلار مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار {بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن. چۈنكى، بامدات نامىزى (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) گۇۋاھ بولىنىدىغان نامازدۇر.}»(سۈرە ئىسرا 78) hedisim.com (بۇخارى 648؛ مۇسلىم 649) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ