ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كَلِمَتانِ خَفِيفَتانِ علَى اللِّسانِ، ثَقِيلَتانِ في المِيزانِ، حَبِيبَتانِ إلى الرَّحْمَنِ: سُبْحانَ اللَّهِ العَظِيمِ، سُبْحانَ اللَّهِ وبِحَمْدِهِ)) «ئىككى كەلىمە باردۇركى، تىلدا يەڭگىلدۇر (تەلەپپۇز قىلىش ئاساندۇر)، (قىيامەت كۈنىدىكى ياخشى-يامان ئەمەل ئۆلچىنىدىغان) مىيزاندا (ۋەزنى) ئېغىردۇر، رەھمان تائالاغا سۆيۈملۈكتۇر. (بۇ ئىككى كەلىمە) <سۇبھانەللاھىل ئەزىيم، سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى> دۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6406) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
