ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِذَا دَعَا الرَّجُلُ زَوْجَتهُ لحَاجَتِهِ فَلْتَأتِهِ وَإنْ كَانَتْ عَلَى التَّنُور)) «ئەر كىشى ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، تونۇر بېشىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئېرىنىڭ يېنىغا بارسۇن.» hedisim.com (تىرمىزى 1160؛ تىرمىزىي ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ رىيازۇس سالىھىن 284) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى * «ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا» — ئەر كىشى ئايالىنى مەيلى ئەر-ئاياللىق ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسۇن، ياكى باشقا بىرەر ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسۇن، ئېرىگە ئىتائەت قىلىش يۈزىسىدىن ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىشى ئەرنىڭ ئايال ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. ئېرىنىڭ شەرىئەتكە مۇخالىپ بولمىغانلىكى چاقىرىقىغا كېلىش ئايالنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. (شەيخ ئابدۇررازاق ئەلبەدر)
