ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەلالھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((إذا نظر أحدكم إلى من فضل عليه في المال والخلق، فلينظر إلى من هو أسفل منه)) «سىلەردىن ھەركىم مال-دۇنيا ۋە يارىتىلىش جەھەتتە ئۆزىدىن ئۈستۈن كىشىگە قارىسا، (شۇنىڭغا ئۇلاپلا) بۇ جەھەتتە ئۆزىدىن تۆۋەن بولغۇچىغا قارىسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 6490؛ مۇسلىم 2963؛ رىيازۇس سالىھىن 467؛ تىرمىزى 2513؛ بۇلۇغۇلمەرام 1482؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمغا ئائىت) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
