ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
(ساھابىلەردىن) بىر كىشى باشقا بىر (ساھابە) كىشىنىڭ {قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ} نى (يەنى ئىخلاس سۈرىسىنى) قايتا – قايتا ئوقۇغىنىنى ئاڭلىدى. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ھېلىقى ساھىبىنىڭ سۈرە ئىخلاسنى قايتا قايتا ئوقۇغىنىنى بەئەينى كىچىك كۆرگەندەك ئەلپەزدا رەسۇلۇللاھقا بايان قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «جېنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئىخلاس سۈرىسى قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ.» hedisim.com (سەھىھۇل بۇخارى — تەۋھىد بابى، 7374-نومۇرلۇق ھەدىس) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى
عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الْخُدْرِيِّ، أَنَّ رَجُلاً، سَمِعَ رَجُلاً، يَقْرَأُ {قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ} يُرَدِّدُهَا، فَلَمَّا أَصْبَحَ جَاءَ إِلَى النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم فَذَكَرَ لَهُ ذَلِكَ، وَكَأَنَّ الرَّجُلَ يَتَقَالُّهَا فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم » وَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ إِنَّهَا لَتَعْدِلُ ثُلُثَ الْقُرْآنِ » . زَادَ إِسْمَاعِيلُ بْنُ جَعْفَرٍ عَنْ مَالِكٍ، عَنْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ، عَنْ أَبِيهِ، عَنْ أَبِي سَعِيدٍ، أَخْبَرَنِي أَخِي، قَتَادَةُ بْنُ النُّعْمَانِ عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم.
