ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | «ئەر كىشى ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، تونۇر بېشىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئېرىنىڭ يېنىغا بارسۇن.» داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | «چوقۇمكى قىيامەت كۈنى ھەقلەر ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ. ھەتتا، مۈڭگۈزلۈك قويدىن مۈڭگۈزسىز قوينىڭ ھەققى ئېلىپ بېرىلىدۇ.» داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | ئابدۇللاھ (ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىرىق ياخشى ئەمەل باردۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈستىنى مۇسۇلمان قېرىندىشىم سۈتىنى سېغىپ ئىچىۋالسۇن دەپ ئۆچكىسىنى ئۆتنە بېرىشتۇر. قانداقلا بىر مۇسۇلمان شۇ ياخشى ئەمەللەردىن بىرىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ ۋە ئاللاھنىڭ (ياخشىلىققا ساۋاب بېرىش) ۋەدىسىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 2631؛ رىيازۇس سالىھىن 138) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | ئىككى كەلىمە باردۇركى، تىلدا يەڭگىلدۇر (تەلەپپۇز قىلىش ئاساندۇر)، (قىيامەت كۈنىدىكى ياخشى-يامان ئەمەل ئۆلچىنىدىغان) مىيزاندا (ۋەزنى) ئېغىردۇر، رەھمان تائالاغا سۆيۈملۈكتۇر. (بۇ ئىككى كەلىمە) <سۇبھانەللاھىل ئەزىيم، سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى> دۇر داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | (قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ھېساب بېرىش پەيتىدە) ئاللاھ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچبىر تەرجىمانمۇ بولمىغان، ئاللاھنى پەردىلەپ تۇرىدىغان ھېچبىر پەردىمۇ بولمىغان ھالدا رەببىڭلار ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىسىلەر داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | (پەرىشتە) جىبرىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى شۇنچە كۆپ تەۋسىيە قىلدىكى، ئاقىۋەتتە مەن ئۇنى قوشنىنى قوشنىغا مىراسچى قىلىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قالدىم داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | «بىر مۇسۇلمان دەرەخ تىكسە ۋە شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن بىرەر ئىنسان ياكى ھايۋان يېسە، بۇ جەزمەن ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | موھتاج تۇل ئايالنىڭ ۋە يوقسۇل-مىسكىننىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشى ئېرىشىدىغان بۈيۈك ساۋاب داۋامىنى ئوقۇڭ
ئىيۇن 30, 2026 hedisim ھەدىس | رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((الرَّجُلُ عَلَى دِينِ خَلِيلِهِ فَلْيَنْظُرْ أَحَدُكُمْ مَنْ يُخَالِلُ)) «كىشى ئۆز دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزىنىڭ كىمنى دوست تۇتقانلىقىغا قارىسۇن.» hedisim.com (تىرمىزى 2378؛ ئەبۇ داۋۇد 4833، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى داۋامىنى ئوقۇڭ