7|4|وَكَمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا فَجَاءَهَا بَأْسُنَا بَيَاتًا أَوْ هُمْ قَائِلُونَ
بىز (پەيغەمبەرلىرىمىز ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنى يالغانغا چىقارغان1، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلغان2) نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا جازايىمىز كېچىسى ياكى چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا (ياكى چۈشلۈك دەم ئېلىش قىلىۋاتقىنىدا3، ياكى ئۇلار مۇشۇ پەيتلەردە غەپلەتتە تۇرغاندا4) كەلدى.
[1. تەپسىر سەئدى؛ 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر؛ 3. تەپسىر قۇرتۇبى؛ 4. زادۇل مەسىر]
7|5|فَمَا كَانَ دَعْوَاهُمْ إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا إِلَّا أَنْ قَالُوا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
بىزنىڭ جازايىمىز ئۇلارغا كەلگىنىدە ئۇلار پەقەتلا «بىز زالىملاردىن ئىدۇق» دەپ (توۋلىشىپ، قىيا-چىيا قىلىشىپ1، ئۆزلىرىنىڭ زالىملىقىنى2) ئېتىراپ3 قىلىشتى.
[1. زادۇل مەسىر؛ 2. تەپسىر قۇرتۇبى؛ 3. تەپسىر قۇرتۇبى، تەپىسر ئىبنى كەسىر]