سۈرە بەلەد (90-سۈرە)
مەككىدە نازىل بولغان، 20 ئايەت
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
لَا أُقْسِمُ بِهَٰذَا الْبَلَدِ ﴿١﴾
بۇ شەھەر (يەنى مەككە شەھىرى) بىلەن قەسەم قىلىمەن،(1)
وَأَنتَ حِلٌّ بِهَٰذَا الْبَلَدِ ﴿٢﴾
(ئى پەيغەمبەر! مەككىنى فەتھ قىلىدىغان كۈنى) سېنىڭ بۇ شەھەردە (ساڭا قارشى قىلىچ كۆتۈرگەنلەرگە قارشى، كۈننىڭ مەلۇم بۆلىكى ئىچىدە) ئۇرۇش قىلىشىڭ* ھالالدۇر.(2) (*تەپسىر ئىبنى كەسىر)
وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ ﴿٣﴾
(ئىنسانىيەتكە) ئاتا (بولغۇچى ئادەم ئەلەيھىسسالام) بىلەن ۋە (ئۇنىڭ) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەمكى،(3)
لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ فِي كَبَدٍ ﴿٤﴾
بىز ئىنساننى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق*.(4) (* تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى)
أَيَحْسَبُ أَن لَّن يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ ﴿٥﴾
(ئىسلامغا زىت يول تۇتقان) ئۇ (ئىنسان) ئۆزىگە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ (يەنى قىلغان ئەتكەنلىرىمنى ھېچكىم سوئال سوراق قىلىپ، ھېساپ ئالالمايدۇ) دەپ ئويلامدۇ؟(5) (*تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر)
يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُّبَدًا ﴿٦﴾
(بۇنداق ئىنسان ماختانغان ھالدا) «مەن (مۇھەممەدنىڭ يولىغا دۈشمەنلىك قىلىشتا*) بەك كۆپ پۇل-مال سەرپ قىلىپ تۈگەتتىم» دەيدۇ.(6) (*تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىر، تەپسىر قۇرتۇبى)
أَيَحْسَبُ أَن لَّمْ يَرَهُ أَحَدٌ ﴿٧﴾
ئۇ ئۆزىنى ھېچكىم كۆرمىدى (ئاللاھ قىلمىش ئەتمىشلىرىمدىن ھېساپ ئالمايدۇ، قىلغان يامان ئىشلىرىم سەۋەبلىك مېنى جازالىمايدۇ*) دەپ ئويلامدۇ؟(7) (* تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر سەئدى)
أَلَمْ نَجْعَل لَّهُ عَيْنَيْنِ ﴿٨﴾
بىز ئۇنىڭغا (كۆرۈشى ئۈچۈن) ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟(8)
وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ ﴿٩﴾
(گەپ قىلالىشى ئۈچۈن) بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك (ئاتا قىلمىدۇقمۇ؟)(9) (يۇقىرىقى ئىككىسى ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ چوڭ دۇنياۋى نېمەتلەردىن ئىككىسىدۇر.-تەپسىر سەئدى)
وَهَدَيْنَاهُ النَّجْدَيْنِ ﴿١٠﴾
بىز ئىنسانغا (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىق يولىدىن ئىبارەت*) ھەر ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق.(10) (*تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر سەئدى) (بۇ ئىنسانغا بېرىلگەن دىنىي نېمەتتۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىنىڭ ھىدايەت، نېمىنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ بەرگەندۇر.-تەپسىر سەئدى)
فَلَا اقْتَحَمَ الْعَقَبَةَ ﴿١١﴾
ھالبۇكى، ئۇ (نەپسى-خاھىشىغا ۋە دۈشمىنى ھېساپلانغان شەيتانغا قارشى نەپسى جىھاد قىلىش ئارقىلىق*) داۋان ئاشمىدى.(11) (*تەپسىر قۇرتۇبى)
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْعَقَبَةُ ﴿١٢﴾
داۋان ئېشىشنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟(12)
فَكُّ رَقَبَةٍ ﴿١٣﴾
داۋان ئېشىش — قۇل ئازاد قىلىشتۇر،(13)
أَوْ إِطْعَامٌ فِي يَوْمٍ ذِي مَسْغَبَةٍ ﴿١٤﴾
ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە (ئىنسانلار يېمەك-ئىچمەككە قاتتىق ئېھتىياجلىق بولغان كۈنلەردە*) تاماق يېگۈزۈشتۇر،(14) (*تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر سەئدى)
يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ ﴿١٥﴾
(يەنى) تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان بىر يېتىمگە (تاماق يېگۈزۈشتۇر.)،(15)
أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ ﴿١٦﴾
ياكى توپىدا ياتقان (ھېچقانداق مال-بىساتى يوق، باش تىققۇدەك يېرى بولمىغان، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھېچكىمى بولمىغان، كوچىدا قالغان، ۋەياكى نامراتلىق ئاستىدا قالغان *) مىسكىنگە (تاماق يېگۈزۈشتۇر.)(16) (*تەپسىر قۇرتۇبى)
ثُمَّ كَانَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا بِالْمَرْحَمَةِ ﴿١٧﴾
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولۇشتۇر، (بىر-بىرىگە) سەبرنى ۋە (يارىتىلغان جان ئىگىلىرىگە قارىتا) رەھىم-شەپقەتنى تەۋسىيە قىلغۇچىلاردىن بولۇشتۇر.(17)
أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ ﴿١٨﴾
مانا بۇنداقلار (قىيامەت كۈنى) ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان (بەخىتكە ئېرىشكۈچى، نازۇ نېمەتلىك جەننەتلەردە مەڭگۈل قالغۇچى) كىشىلەردۇر.(18)
وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا هُمْ أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ ﴿١٩﴾
(ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتشىتىن، بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنى ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئورۇنداشتىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق) ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارغا (ۋە يۇقىرىقى ئايەتلىرىمىزنى يوق ساناپ، ئاللاھنىڭ ئەمەس شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگىشىپ كەتكەنلەرگە) كەلسەك، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) ئەمەل دەپتىرى سول تەرەپتىن بېرىلىدىغان كىشىلەردۇر.(19)
عَلَيْهِمْ نَارٌ مُّؤْصَدَةٌ ﴿٢٠﴾
بۇنداقلار ئىشىكلىرى مەھكەم تاقالغان دوزاخ ئوتىدا (ئەبەدىلئەبەد*) جازالانغۇچىلاردۇر.(20) (*تەپسىر ئىبنى كەسىر)
سۈرە بەلەدنىڭ تەپسىر تەرجىمىسى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.