ئەھلى ئىلىم كىم؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان پەتىۋاغا قىسقىچە قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ئەھلى ئىلىم دېگەن قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئالىم بولغۇچىلاردۇر، ئەھلى ئىلىملەر پەتىۋالىرىنى قۇرئاندىن ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن (بىۋاسىتە) ئېلىشقا قادىر بولغۇچىلاردۇر. باشقىلارغا تەقلىد قىلىدىغان ۋە قۇرئان – سۈننەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان كىشىلەر ئەھلى ئىلىم ھېسابلانمايدۇ. ئەھلى ئىلىملەر ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئۇلۇغلاپ، ھەر ئىشتا قۇرئان-سۈننەتكە قايتقۇچىلاردۇر. —مەجمۇئۇل فەتاۋا ئىبنى باز 6-جىلد، 26-بەت
پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:
وأهل العلم هم علماء الكتاب والسنة، وهم الذين يرجعون في فتاواهم إلى كتاب الله وسنة رسوله ﷺ، وهؤلاء هم أهل العلم، وليس أهل العلم من يقلد الرجال ولا يبالي بالكتاب والسنة، إنما العلماء هم الذين يعظمون كتاب الله وسنة رسوله ﵊، ويرجعون إليهما في كل شيء هؤلاء هم أهل العلم.
ئالىم كىم؟
ئەھلى ئىلىم كىم؟
مۇجتەھىد ئالىم كىم؟