يىگىرمە بىرىنچى ھەدىس
عَنِ أَبيْ عَمْرٍو، وَقِيْلَ،أَبيْ عمْرَةَ سُفْيَانَ بنِ عَبْدِ اللهِ رضي الله عنه قَالَ: قُلْتُ يَا رَسُوْلَ اللهِ قُلْ لِيْ فِي الإِسْلامِ قَوْلاً لاَ أَسْأَلُ عَنْهُ أَحَدَاً غَيْرَكَ؟ قَالَ: (قُلْ آمَنْتُ باللهِ ثُمَّ استَقِمْ)
ئەبۇ ئەمر – ئەبۇ ئەمرە ئىكەنلىكىمۇ ئېيتىلىدۇ – سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ! ئىسلام ھەققىدە ماڭا شۇنداق بىر سۆزنى دەپ بەرگەيلىكى، سىلىدىن باشقىسىدىن سوراشقا ھاجىتىم قالمىغاي» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم، دېگىن؛ ئاندىن توغرا يولدا بولغىن.» (مۇسلىم 38)
نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 21 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى mujtehid.com | hedisim.com