بارچە بىدئەتتىن يىراق تۇرۇپ، سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
mujtehid.com | hedisim.com
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلمىسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ…» hedisim.com (بۇخارى 2957، مۇسلىم 1835، نەسائىي 5510، ئىبنى ماجە 2859، ئىمام ئەھمەد 2\387)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مەندىن كېيىن ياشىسا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەت ئۈستىدىكى راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار. بۇ سۈننەتلەرنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئىبنى ماجە 42؛ مۇسنەد ئەھمەد 17142)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار.»[ أخرجه أحمد في مسنده ، من حديث العرباض بن سارية ، برقم (17144) ، وأبو داود في كتاب السنة ، باب في لزوم السنة ، برقم (4607) ، والترمذي في كتاب العلم ، باب ما جاء في الأخذ بالسنة واجتناب البدع ، برقم (2676) ، وابن ماجه في المقدمة باب اتّباع سنة الخلفاء الراشدين المهديين ، برقم (42) ، والدارمي في المقدمة ، باب اتّباع السنة برقم (95) . {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي ، تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:« مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com [ سنن أبو داود السنة (4607) ، مسند أحمد بن حنبل (4/127) ، سنن الدارمي المقدمة (95). {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ وإياكم ومحدثات الأمور، فإن كل محدثة بدعة وكل بدعة ضلالة.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلامدا) ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلىنغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» hedisim.com [ صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم الأقضية (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا يوق ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» hedisim.com [ صحيح مسلم الأقضية (1718) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من عمل عملاً ليس عليه أمرنا فهو رد.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى. hedisim.com [ صحيح البخاري الاعتصام بالكتاب والسنة (7280) ، صحيح مسلم الإمارة (1835) ، مسند أحمد بن حنبل (2/361). {كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى قيل: يا رسول الله: ومن يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة ومن عصاني فقد أبى.}]
خاتىبۇل باغدادى «ئەل كىفايە» ناملىق ئەسىرىدە، ھەسەن ئىبنى ئەتىييەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە (ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن) قۇرئاننى ئېلىپ چۈشكىنىدەك، سۈننەتنىمۇ ئېلىپ چۈشەتتى.» hedisim.com (سۇنەن دارىمى 588؛ خاتىبۇل باغدادى ئەلكىفايە 12؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ خەۋەرنى فەتھۇل بارىدا بەيھەقىغا نىسبەت بەرگەن ۋە «سەھىھ دەپ باھالىغان.»)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن ماڭا قۇرئان بېرىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى (سۈننەت) بېرىلدى. بىراق، يېقىندا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، بىر كىشى قورسىى توق ھالدا كۇرسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ‹سىلەر بۇ قۇرئانغا ئەگىشىشىڭلار كېرەك. قۇرئاندا ھالال دېيىلگىنىنى ھالال، قۇرئاندا ھارام دېيىلگىنىنى ھارام بىلىمىز› دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغانلىكى ئىش، ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنى بىلەن باراۋەردۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 2664؛ ئەلبانى ‹سىلسىلەتۇس سەھىھە› 2870 دە ھەسەن دېگەن.)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.» hedisim.com (بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى دىندا بىدئەت پەيدا قىلسا، ياكى بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىمى (مۆمىن) ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇنىڭ ھېچبىر پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتى قوبۇل بولمايدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 3179؛ ئەبۇ داۋۇد 2036؛ ئىبنى ھىببان 3717)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس.» {فَمَنْ رَغِبَ عَنْ سُنَّتِي فَلَيْسَ مِنِّي} hedisim.com (بۇخارى 5063؛ مۇسلىم 1401)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ بىدئەتچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى چەكلىۋەتتى.» hedisim.com (ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ، سەھىھ ھەدىس)
ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىغا قارشى تۇرۇشى ۋە رەسۇلۇللاھ داىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشتىن قاتتىق قېچىشى
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۇمۇئە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مىنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خەتىبنىڭ قولىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. hedisim.com (سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ ئۇيغۇرچە: مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515؛ ).- وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)