ئوتتۇز بىرىنچى ھەدىس
عَنْ أَبي العَباس سَعدِ بنِ سَهلٍ السَّاعِدي رضي الله عنه قَالَ: جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النبي ﷺ فَقَالَ: يَا رَسُول الله: دُلَّني عَلَى عَمَلٍ إِذَا عَمَلتُهُ أَحَبَّني اللهُ، وَأَحبَّني النَاسُ ؟ فَقَالَ: (ازهَد في الدُّنيَا يُحِبَّكَ اللهُ ، وازهَد فيمَا عِندَ النَّاسِ يُحِبَّكَ النَّاسُ) حديث حسن رواه ابن ماجة وغيره بأسانيد حسنة.
ئەبۇل ئابباس سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.»
(ئىبنى ماجە 4102؛ رىيازۇس سالىھىن 472؛ تەبرانى-ئەلكەبىر 5972؛ ھاكىم 4\313؛ ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا 1475، ھەسەن دېگەن) نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 31 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى mujtehid.com | hedisim.com