سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇلىللاھى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئارىسىنى تولدۇرىدۇ. ناماز نۇدردۇر؛ سەدىقە ھۆججەتتۇر. سەبر يورۇقلۇقتۇر… (مۇسلىم 223)

يىگىرمە ئۈچىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي مَالِكٍ الحَارِثِ بنِ عَاصِم الأَشْعَرِيِّ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : )الطُّهُورُ شَطْرُ الإِيْمَانِ، والحَمْدُ للهِ تَمْلأُ الميزانَ، وسُبْحَانَ اللهِ والحَمْدُ للهِ تَمْلآنِ – أَو تَمْلأُ – مَا بَيْنَ السَّمَاءِ والأَرْضِ، وَالصَّلاةُ نُورٌ، والصَّدَقَةُ بُرْهَانٌ، وَالصَّبْرُ ضِيَاءٌ، وَالقُرْآنُ حُجَّةٌ لَكَ أَو عَلَيْكَ، كُلُّ النَّاسِ يَغْدُو فَبَائِعٌ نَفْسَهُ فَمُعْتِقُهَا أَو مُوبِقُهَا

ئەبۇ مالىك ئەلھارىس ئىبنى ئاسىم ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«تاھارەت ئىماننىڭ يېرىمىدۇر؛ ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ؛ سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇلىللاھى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئارىسىنى تولدۇرىدۇ. ناماز نۇدردۇر؛ سەدىقە ھۆججەتتۇر. سەبر يورۇقلۇقتۇر. قۇرئان يا سېنىڭ پايداڭا، ياكى سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر. ھەممە ئىنسان تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۇلاردىن بەزىسى ئۆز جېنىنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئازاد قىلىدۇ، بەزىسى ئۇنى ھالاك قىلىدۇ.» mujtehid.com (مۇسلىم 223)

نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 23 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى  mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ