شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەزى پەرزلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنى زايە قىلۋەتمەڭلار. ئاللاھ بەزى چەك-چېگرالارنى بەلگىلىدى، ئۇلاردىن ئېشىپ كەتمەڭلار. بەزى ئىشلارنى ھارام قىلدى، ئۇلارغا يېقىن يولىماڭلار…»(داراقۇتنى)

ئوتتۇزىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ ثَعْلَبَةَ الخُشَنِيِّ جُرثُومِ بنِ نَاشِرٍ رضي الله عنه عَن رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (إِنَّ اللهَ فَرَضَ فَرَائِضَ فَلا تُضَيِّعُوهَا، وَحَدَّ حُدُودَاً فَلا تَعْتَدُوهَا وَحَرَّمَ أَشْيَاءَ فَلا تَنْتَهِكُوهَا، وَسَكَتَ عَنْ أَشْيَاءَ رَحْمَةً لَكُمْ غَيْرَ نِسْيَانٍ فَلا تَبْحَثُوا عَنْهَا) حديث حسن رواه الدارقطني وغيره.

ئەبۇ سەئەلەبە ئەلخۇشەنى جۇرسۇم ئىبنى ناشر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەزى پەرزلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنى زايە قىلۋەتمەڭلار. ئاللاھ بەزى چەك-چېگرالارنى بەلگىلىدى، ئۇلاردىن ئېشىپ كەتمەڭلار. بەزى ئىشلارنى ھارام قىلدى، ئۇلارغا يېقىن يولىماڭلار. بەزى ئىشلار توغرۇلۇق — ئۇنتۇپ قېلىپ ئەمەس، سىلەرگە رەھمەت يۈزىسىدىن — سۈكۈت قىلدى. ئۇ توغرۇلۇق كوچىلاپ يۈرمەڭلار.» (داراقۇتنى 4\184)  نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 30 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى  mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ