قىيامەتتە روزىنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ بەندىنى شاپائەت قىلىشى (جامىئۇس سەغىر 5203)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الصيام والقرآن يشفعان للعبد يوم القيامة، يقول الصيام: أي رب إني منعته الطعام والشهوات بالنهار فشفعني فيه، ويقول القرآن: رب منعته النوم بالليل فشفعني فيه، فيشفعان))«روزا ۋە قۇرئان قىيامەت كۈنىدە مۆمىن بەندىنى شاپائەت قىلىدۇ. روزا <ئى رەببىم! مەن ئۇنى يەپ-ئىچىشتىن، كۈندۈزدىكى شەھۋەتتىن توسۇپ قويغان ئىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىۋالسام> دەيدۇ. قۇرئان <ئى رەببىم! ئۇنى كېچىدىكى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قويدۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىۋالسام> دەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.» mujtehid.com | hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 5203، سەھىھ جامىئ‍3882؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ