ياردەم سورىماقچى بولساڭ، ئاللاھتىن ياردەم سورا. بىلگىنكى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانسا، ساڭا ئاللاھنىڭ سەن ئۈچۈن پۈتكىنىدىن باشقا ھېچ بىر پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ… (ئەھمەد، تىرمىزى)

ئون توققۇزىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي عَبَّاسٍ عَبْدِ اللهِ بنِ عَبَّاسٍ رضي الله عنهما قَالَ: كُنْتُ خَلْفَ النبي ﷺ يَومَاً فَقَالَ: (يَا غُلاَمُ إِنّي أُعَلِّمُكَ كَلِمَاتٍ : احْفَظِ اللهَ يَحفَظك، احْفَظِ اللهَ تَجِدهُ تُجَاهَكَ، إِذَاَ سَأَلْتَ فَاسْأَلِ اللهَ، وَإِذَاَ اسْتَعَنتَ فَاسْتَعِن بِاللهِ، وَاعْلَم أَنَّ الأُمّة لو اجْتَمَعَت عَلَى أن يَنفَعُوكَ بِشيءٍ لَمْ يَنْفَعُوكَ إِلا بِشيءٍ قَد كَتَبَهُ اللهُ لَك، وإِن اِجْتَمَعوا عَلَى أَنْ يَضُرُّوكَ بِشيءٍ لَمْ يَضروك إلا بشيءٍ قَد كَتَبَهُ اللهُ عَلَيْكَ، رُفعَت الأَقْلامُ، وَجَفّتِ الصُّحُفُ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن صحيح – وفي رواية – غير الترمذي: (اِحفظِ اللهَ تَجٍدْهُ أَمَامَكَ، تَعَرَّفْ إلى اللهِ في الرَّخاءِ يَعرِفْكَ في الشّدةِ، وَاعْلَم أن مَا أَخطأكَ لَمْ يَكُن لِيُصيبكَ، وَمَا أَصَابَكَ لَمْ يَكُن لِيُخطِئكَ، وَاعْلَمْ أنَّ النَّصْرَ مَعَ الصَّبْرِ، وَأَنَّ الفَرَجَ مَعَ الكَربِ، وَأَنَّ مَعَ العُسرِ يُسراً)

ئەبۇل ئابباس ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس مۇنداق بايان قىلىدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇلىغىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىگلىك ئىدىم. بۇ ھالەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئەي يىگىت! ساڭا بەزى سۆزلەرنى ئۆگىتىمەن: سەن ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھ سېنى مۇھاپىزەت قىلغاي. ئاللاھتىن قورققىنكى، ئاللاھنى قارشىڭدا تاپىسەن. بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھتىن سورا. ياردەم سورىماقچى بولساڭ، ئاللاھتىن ياردەم سورا. بىلگىنكى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانسا، ساڭا ئاللاھنىڭ سەن ئۈچۈن پۈتكىنىدىن باشقا ھېچ بىر پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىرەر زىيان سېلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانسا، ساڭا ئاللاھنىڭ سەن ئۈچۈن پۈتكىنىدىن باشقا ھېچبىر زىيان سالالمايدۇ. قەلەم كۆتۈرۈلگەن، سەھىپىلەر قۇرۇغاندۇر.»

تىرمىزى رىۋايىتىدىن باشقا بىر رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان:

«ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھنى ئالدىڭدا تاپىسەن. راھەتلىك پەيتلىرىڭدە (ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق) ئاللاھنى تونۇغىنكى، ئاللاھمۇ سېنى تونۇغاي. شۇنى بىلگىنكى، ساڭا پۈتۈلمىگەن ئىش ئەسلا ساڭا كەلمەيدۇ، ساڭا پۈتۈلگەن ئىش ساڭا جەزمەن يەتمەي قالمايدۇ. بىلگىنكى، ياردەم سەبر ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. نىجاتلىق قىيىنچىلىققا ئۇلىشىپ كېلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق بولىدۇ.» (مۇسنەد ئەھمەد – ئەھمەد شاكىر تەھقىقى – 2669؛ تىرمىزى 2516؛ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)

نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 19 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى
mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ