ھەدىس: ئىنسانلار شاھادەت كەلتۈرگەنگە، نامازلارنى مۇكەممەل ئوقۇپ، زاكاتنى بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەمر قىلىندىم | بۇخارى ۋە مۇسلىم

سەككىزىنچى ھەدىس

عَنِ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُوْلَ اللهِ قَالَ: (أُمِرْتُ أَنْ أُقَاتِلَ النَّاسَ حَتَّى يَشْهَدُوا أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُوْلُ اللهِ وَيُقِيْمُوْا الصَّلاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ فَإِذَا فَعَلُوا ذَلِكَ عَصَمُوا مِنِّي دِمَاءهَمْ وَأَمْوَالَهُمْ إِلاَّ بِحَقِّ الإِسْلامِ وَحِسَابُهُمْ عَلَى اللهِ تَعَالَى)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىنسانلار ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىگە شاھادەت كەلتۈرگەنگە، نامازلارنى مۇكەممەل ئوقۇپ، زاكاتنى بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەمر قىلىندىم. ئۇلار بۇلارنى ئادا قىلغان تەقدىردە – ئىسلامنىڭ ھەققى مۇستەسنا – مەندىن جېنى ۋە مېلىنى قوغداپ قالالايدۇ. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھقا ئائىتتۇر.» (بۇخارى 25؛ مۇسلىم 22)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ