«ھەر تەسبىھ (سۇبھانەللاھ دېيىش) سەدىقىدۇر…» «ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر…»

يىگىرمە بەشىنچى ھەدىس

عَنْ أَبي ذَرٍّ رضي الله عنه قال: أَنَّ أُنَاسَاً مِنْ أَصحَابِ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالوا للنَّبي ﷺ يَارَسُولَ الله: ذَهَبَ أَهلُ الدثورِ بِالأُجورِ، يُصَلُّوْنَ كَمَا نُصَلِّيْ، وَيَصُوْمُوْنَ كَمَا نَصُوْمُ، وَيَتَصَدَّقُوْنَ بفُضُوْلِ أَمْوَالِهِمْ، قَالَ: (أَوَ لَيْسَ قَدْ جَعَلَ اللهُ لَكُمْ مَا تَصَّدَّقُوْنَ؟ إِنَّ بِكُلِّ تَسْبِيْحَةٍ صَدَقَة.وَكُلِّ تَكْبِيْرَةٍ صَدَقَةً وَكُلِّ تَحْمَيْدَةٍ صَدَقَةً وَكُلِّ تَهْلِيْلَةٍ صَدَقَةٌ وَأَمْرٌ بالِمَعْرُوْفٍ صَدَقَةٌ وَنَهْيٌ عَنْ مُنْكَرٍ صَدَقَةٌ وَفِيْ بُضْعِ أَحَدِكُمْ صَدَقَةٌ قَالُوا: يَا رَسُوْلَ اللهِ أَيَأْتِيْ أَحَدُنَا شَهْوَتَهُ وَيَكُوْنُ لَهُ فِيْهَا أَجْرٌ؟ قَالَ:أَرَأَيْتُمْ لَوْ وَضَعَهَا فَيْ حَرَامٍ أَكَانَ عَلَيْهِ وِزْرٌ؟ فَكَذَلِكَ إِذَا وَضَعَهَا فَي الحَلالِ كَانَ لَهُ أَجْرٌ) رَوَاهُ مُسْلِمٌ

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىمى رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ! مال-مۈلۈك ئىگىلىرى ئەجىر-ساۋاب جەھەتتە بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار بىزگە ئوخشاش ناماز ئوقۇيدۇ، بىزگە ئوخشاش روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ماللىرىنىڭ ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىدۇ» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:
    «ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن سەدىقە بولىدىغان ئەمەللەرنى بەلگىلىمىگەنمۇ؟ ھەر تەسبىھ (سۇبھانەللاھ دېيىش) سەدىقىدۇر، ھەر تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش) سەدىقىدۇر، ھەر تەھمىد (ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىش) سەدىقىدۇر، ھەر تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش) سەدىقىدۇر. ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر. سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئايالىغا كېلىشى سەدىقىدۇر.» ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! بىزدىن بىرىمىزنىڭ شەھۋىتىمىزنى بۇنىڭدىن قاندۇرۇشىمىزغا ساۋاب بولامدۇ؟» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئېيتىڭلارچۇ، شەھۋىتىنى ھارامدىن قاندۇرسا گۇناھ بولمامدۇ؟ شۇنىڭدەك، شەھۋىتىنى ھالالدىن قاندۇرغان كىشى ئۈچۈن ساۋاب يېزىلىدۇ.» (مۇسلىم 1006) نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 25 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى  mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ