ئوتتۇز يەتتىنچى ھەدىس
عَن ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنِ النبي ﷺ فِيْمَا يَرْوِيْهِ عَنْ رَبِّهِ تَبَارَكَ وَتَعَالى أَنَّهُ قَالَ: (إِنَّ الله كَتَبَ الحَسَنَاتِ وَالسَّيئَاتِ ثُمَّ بَيَّنَ ذَلِكَ؛ فَمَنْ هَمَّ بِحَسَنَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً،وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ عَشْرَ حَسَنَاتٍ إِلَى سَبْعِمائَةِ ضِعْفٍ إِلىَ أَضْعَاف كَثِيْرَةٍ. وَإِنْ هَمَّ بِسَيِّئَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً،وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ سَيِّئَةً وَاحِدَةً) رَوَاهُ البُخَارِيُّ وَمُسْلِمٌ في صَحِيْحَيهِمَا بِهَذِهِ الحُرُوْفِ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئاللاھ تابارەك ۋەتەئالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:
«ئاللاھ تائالا ياخشىلىقلارنى ۋە يامانلىقلارنى تەقدىر قىلىپ يازدى. ئاندىن بۇنى روشەن رەۋىشتە بايان قىلدى: (مۆمىنلەردىن) كىمكى بىر ياخشىلىقنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئەمما ئۇ ئىشنى قىلالمىغان بولسا، ئاللاھ (پۈتۈكچى پەرىشتىلەرگە) ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە ئۇنىڭ ئۈچۈن كامىل بىر ياخشىلىقنى يازدۇرىدۇ. ئەگەر بەندە ياخشى ئىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، شۇ ياخشىلىقنى قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن (قىلغان ئەمىلىنىڭ) ئون ھەسسىسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىسىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قات-قات ئاشۇرۇپ ياخشىلىق يازدۇرىدۇ. بەندە بىر يامان ئىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇ ئىشنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن كامىل بىر ياخشىلىق يازدۇرىدۇ. ئەگەر بەندە بىر يامان ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئارقىدىن ئۇنى قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىگە شۇ ئىشنىڭ مىقدارىدا يامانلىق يازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 6491؛ مۇسلىم 131) نەۋەۋى قىرىق ھەدىس 37 | فۇرقان دەۋەت مەركىزى mujtehid.com | hedisim.com