قەبرە ئازابى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
[تولۇقلىنىۋاتىدۇ]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قەبرە ئازابىنىڭ كۆپىنچىسى سۈيدۈك (نىڭ كىيىمگە يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلماسلىق) تىندۇر.»(ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ 1202) mujtehid.com | hedisim.com فۇرقان دەۋەت مەركىزى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامىىزدا مۇنداق دۇئا قىلاتتى:«ئى ئاللاھ ، سىنىڭدىن قەبرە ئازابىغا پاناھلىق تىلەيمەن . دەججالنىڭ پىتنىسىگە سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ سىناقلىرىغا سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . ئى ئاللاھ ، گۇناھ ۋە قەرىزگە سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن.» [بۇخارىي ( 798) ، مۇسلىم ( 589)] النبي صلى الله عليه وسلم أن رسول الله صلى الله عليه وسلم كان يدعو في الصلاة : » اللهم إني أعوذ بك من عذاب القبر وأعوذ بك من فتنة المسيح الدجال وأعوذ بك من فتنة المحيا وفتنة الممات اللهم إني أعوذ بك من المأثم والمغرم «.رواه البخاري (798) ومسلم (589)
mujtehid.com | hedisim.com فۇرقان دەۋەت مەركىزى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا مات أحدكم عرض عليه مقعده بالغداة والعشي: إن كان من أهل الجنة فمن أهل الجنة، وإن كان من أهل النار فمن أهل النار، يقال له: هذا مقعدك حتى يبعثك الله إليه يوم القيامة)) «سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەندە (قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايى) ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولسا جەننەتتىكى ئورنى، جەھەننەم ئەھلىدىن بولسا جەھەننەمدىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ ۋە <مانا بۇ قىيامەت ئاللاھ سېنى بارغۇزىدىغان جايدۇر> دېيىلىدۇ.» (مۇسلىم 2866)